ھاملىدار ئاياللار ساماۋار شورپىسى ئىچسە بولامدۇ؟

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ساماۋار شورپىسىنىڭ خام ماتېرىيالى قوي، كالا، ئۆچكە گۆشى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ گۆشلەردە قۇرت لىچىنكىلىرى ھەمدە چارۋا ياكى ئۆي قۇشلىرىنىڭ پارازىت قۇرتلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ قۇرتلار ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئۇ چارۋا – مال، ئۆي قۇشلىرىنىڭ ھۈجەيرىلىرىدە بولىدۇ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ.


كىشىلەر ساماۋار شورپىسىنى ئىچكەندە يېڭى گۆشنى شورپىغا سېلىپ قىزىتىپلا يېيىشكە ئادەتلەنگەن. بۇنداق قىسقا ۋاقىتتا پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرىنى ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ –دە، قۇرتلار ئۈچەيگە، ئاندىن ئۈچەي دىۋارى ئارقىلىق قانغا، ھەتتا پۈتۈن بەدەنگە تارايدۇ. ھامىلىدار ئاياللار پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرى بىلەن يۇقۇملانسا، كۆپىنچە ئېنىق سېزىم بولمايدۇ ياكى زۇكام ئالامەتلىرىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەمما قۇت لىچىنكىلىرى بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھامىلە چۈشۈپ كېتىش، ئۆلۈپ قېلىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ، ياكى ھامىلە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىنىڭ بېشى يوغان ياكى كىچىك بولۇش، مېڭىسى يوق بولۇش قاتارلىق غەيرىيلىكلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا مۇتەخەسسىسلەر بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى سالامەتلىكى ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ساماۋار شورپىسى ئىچمەسلىكنى، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى تولۇق پىشۇرۇپ، ئاندىن ئىستېمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر