خۇش پۇراق گۈللەرنىڭ ھامىلىدارلارغا تەسىرى بارمۇ؟

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر «خۇشپۇراق گۈللەر كىشىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ» دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە، بۇ پەقەت بىر قىسىم گۈللەرگە ۋە قىسمەن كىشىلەرگە قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، زىيادە پۇراقلىق گۈللەرنى ھامىلىدارلار ئۈچۈن بىر ئاپەت دېيىشكە بولىدۇ.
پۇرىقى كۈچلۈك گۈللەر ھامىلىدارلارنىڭ مەركىزىي نېرۋىسىنى غىدىقلاپ، باش ئاغرىش ،كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەم ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېغىر بولغاندا بويىدىن ئاجراشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە گۈل چېڭىنىڭ تەركىبىدە بەزى خىمىيەلىك تەركىبلەر بولۇپ، ئۇ تېرىگە تېگىپ كەتسە ياكى نەپەس يولىغا كىرىپ كەتسە، زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تېرىسى ۋە نەپەس يولى سەزگۈر ھامىلىدارلارغا كۈچلۈك گۈل پۇرىقى زىيانلىق.
ئاياللار ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بەك پۇراقلىق گۈللەر بىلەن ئەڭ ياخشى ئۇچراشمىغىنى تۈزۈك. مەسىلەن: يەسىمەن گۈلى، سۆگەتگۈل، ئېۋفوربىيە چاتقىلى قاتارلىقلار. بۇنداق ئۆسۈملۈكلەر كېچىسى كاربون تۆت ئوكسىدنى قويۇپ بېرىپ ، ئوكسىگېن سۈمۈرۈۋالىدىغانلىقتىن، ئوكسىگېننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا بۇنداق كۈنلەرنى ئۆيگە قويماسلىق كېرەك.
ھامىلىدارلار بار ئۆيدە ئادەتتە ئالۇي، ئالىقانسىمان كاكتۇس قاتارلىق گۈللەر بېقىلسا بولىدۇ. بۇنداق گۈللەرنىڭ پۇرىقى سۇس بولۇپ، كۈندۈزدىمۇ ،كەچتىمۇ ئوكسىگېن قويۇپ بېرىپ، ھاۋانى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.ئالۇي يەنە مەلۇم دەرىجىدە ئۆي ئىچىدىكى بەزى زەھەرلىك ماددىلارنى، مەسىلەن: فورمالدېھىد قاتارلىقلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. شۇڭا بۇنداق گۈللەر ئىنتايىن پايدىلىق.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر