بالدۇر تۇغۇپ قويۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلەمسىز؟

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى مېھرىبان مەمەتتىن ئىگىلىشىچە، دىيابېت كېسىلى، باش سۈيىنىڭ زىيادە ئاز ياكى كۆپ بولۇشى بالدۇر تۇغۇپ قويۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ئىكەن. ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشى زۆرۈر ئىكەن. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي يولىدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بولسا ياكى ئاق خۇن ، سېرىق سۇ كۆپىيىپ كەتسە، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇزۇقلىنىپ، ئاز ھەرىكەت قىلىش قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشى، زىيادە ئىششىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باش سۈيى ئازلاپ كېتىپ، بالدۇر تۇغۇپ قويۇشقا سەۋەب بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلە قوش ياكى ئۈچكېزەك بولسا، بالىياتقۇغا كېلىدىغان بېسىمنىڭ ئارتىشى بىلەن ھامىلە باش سۈيىنىڭ بالدۇر يېرىلىپ كېتىشى سەۋەبىدىن بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.


شۇڭلاشقا، ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن باشلاپ دوختۇرخانىغا بېرىپ ۋاقتى-ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇشى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى، يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشىشى، بولۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە گۈرۈچ تۈرىدىكى تاماق بىلەم كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، سوغۇن ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكى كېرەك ئىكەن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر