بالىنىڭ ئەقلىي مەسىلىسىنى بۇرۇن بايقاش

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: 珍贵的第一年 | ۋاقتى: 2011/09/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ي. م. ئىلقۇت | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

a. ئەقلىي نورمال بولمىغان بالىدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر:
(1) ئۇخلاش زىيادە، قارىماققا «ياۋاش» بالىدەك كۆرۈنىدۇ، كۈن بويى ئۇخلايدۇ، تاماق يېمەيدۇ، غەلۋە-غوۋغا قىلمايدۇ، يىغلىمايدۇ، ناھايىتى جىمجىت بولۇپ قالىدۇ.
(2) تۇيۇقسىز قورققاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ، ئىككى بېلىكى نەرسە قۇچاقلىغاندەك ھالغا كېلىپ قالىدۇ. بەزى بالىلار چىرقىراپ يىغلايدۇ ھەمدە ئاۋازىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
(3) سىرتقى كۆرۈنۈشى ئالاھىدە بولىدۇ، خۇددى تۇغما دەلدۈش بالىدەك، بېشى ھەددىدىن زىيادە كىچىك، كۆز چانىقى سىرتقا قارىغان، بۇنى پاناق، ئىككى كۆزى ئارىلىقى زىيادە كەڭ، دائىم تىلىنى چىقىرىۋېلىپ شۆلگىيىنى ئېقىتىدۇ.
(4) ئىشتىھاسى ياخشى ئەمەس، ئېمىشى ناھايىتى قىيىن، ئاسانلا سۈت ياندۇرىدۇ. 6 ئايدىن ئاشقاندىمۇ كۈلمەيدۇ. باشقىلار ئۇنى كۈلدۈرسىمۇ ئەزەلدىن كۈلمەيدۇ. ھېچ نېمىگە قىزىقمايدۇ. ئويغاق ۋاقتىدا چىشىنى غىچىرلىتىدۇ، خۇددى ئۆزىنى كونترول قىلالمىغاندەك قالايمىقان ھەرىكەت قىلىدۇ.
b. ئەگەر بالىدا يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئاتا-ئانا بالىنىڭ ئەقلىدە مەسىلە بارلىقىدىن گۇمانلانسا بولىدۇ. ھەمدە ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر