ئانىلار سۈت كەملىككە سەل قارىماسلىقى كېرەك

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2017/01/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

   ئانا سۈتى بۇۋاقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان ئۇزىقىدۇر . بۇۋاق ئانا سۈتى ئارقىلىق ئىنتايىن مول بولغان ئاقسىل ، ۋىتامىن ، كالتىسىي ، تۆمۈر ، يۇد ، سىنىك . . . قاتارلىق ھاياتلىق پائالىيتىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشىدۇ . بۇۋاق تىنىدىكى ماددا ئالمىشىش ۋە ھەرقايسى سېستىمىلارنىڭ پائالىيتى پەقەت ئانا سۈتىدىكى مول ماددىلار ۋە قۇۋۋەت ئارقىلىقلا  مۇكەممەل ئېلىپ بېرىلىدۇ .
   دىققەت قىلىشىمىز زۈرۈر ، كەسكىن ئويلانمىقىمىز مۇھىم بولغان بىر مەسىلە شۇكى ، بىر قىسىم ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ، ئانا بولغان  ئايال ۋە ئانىللىرىمىز سۈت ئازلىقنى ، سۈت چىقمىغانلىقنى سەۋەپ قىلپ  ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ، ساقلىقى ، جەلىپكارلىقىنى ئويلاپ ئاشۇ سۈيۈملۈك بۇۋاقلىرىنى ئانا سۈتىدىن بۇرۇنلا ئايرىشنى ئويلاشماقتا ، ئايرىماقتا . تاللا بازارلىرىدىكى بۇۋاقلار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ، سۈت پارشوكلىرى بۇۋاقلىرىمىزغا ئانا سۈتىنىڭ لەززىتىنى ئازراق بولسىمۇ بىرەلمىگەچكە ، ئانا سۈتىدىن ئايرىلغان بۇۋاقلار ئىممونىت كۈچىنىڭ تۈۋەنلىكىدىن ، دوختۇرخانىلارنىڭ بالىلار بۈلۈملىرىدە ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىۋاتقان كىسەللىكلەر بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن ئاسما ئوكۇللارغا ھەيرانلىق بىلەن قارىماقتا . . . بالىسىنى تۇلۇق ئىمىتمەي ، بۇۋىقىنى  ئانا سۈتىدىن بۇرۇنلا ئايرىغان ئاياللارنىڭ  ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سۈت بىزى ياللۇغى ، سۈت بىزى ئۆسمىسى ، راكى . . . قاتارلىق جاھىل كىسەللىكلەر بىلەن تاتلىق جېنى قىينالماقتا ! تىببىي ئالىملار بالىسىنى تولۇق ئىمىتكەن ئانا بىلەن بالىسىنى ئىمىتمىگەن ياكى قىسقىلا ۋاقىت ئىمىتكەن ئانىلارنىڭ سۈت بېزىنى تەكشۈرگەندە ئاجايىپ چوڭ پەرىقلەرنى بايقىغان . يەنى بالىسىنى تولۇق ئىمىتكەن ئانىلارنىڭ سۈت بېزى ساغلام ياكى كىسەللىك ئىنتايىن يىنىك دەرىجىدە بولۇپ ، ئەكسىچە بالىسىنى ئىمىتمىگەن ياكى قىسقىلا ۋاقىتتىن كېيىن سۈتتىن ئايرىغان ئانىلارنىڭ سۈت بېزى تۇقۇلمىللىرىدا قان ئويۇپ ، چوڭ _ كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان مۇنەكچە ئۆسمىلەر ، راك ھۈجەيرىسى بايقالغان . سۈت بېزىنى پۈتۈنلەي ئېلىۋىتىش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان بىمارلارنىڭمۇ كىسەللىك ئەھۋالى قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن قايتا باشلىنىپ  ھاياتىدىن ئايرىلغان . ھەتتا بەزىللىرى پەۋقۇلەددە سىمىزلىك كىسىگە گىرىپتار بولغان .


  سۈت ئازلىقنىڭ سەۋەپلىرى ھەر خىل بولۇپ  ئاساسلىقى تۈۋەندىكىچە :

   1. غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنىڭ ئەمچەككە تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن ئانا سۈتنىڭ تۇيۇقسىز ئازلاپ كىتىشى
بۇ خىل خىلىت تەسىرىدىن بولغان سۈت ئازلىق ئەگەر سەپرانىڭ تەسىرىدىن بولسا ، ئۇنى مۇۋاپىق مىقتاردا تەڭشەش ۋە تازىلاش لازىم . يەنى ، قاپاق ئۇرىغى مېغىزى شىرنىسى ، قوغۇن ئورىغى مېغىزى شىرنىسى ، ئانار سۈيى ، شىكەر سۈيى ، ئارپا سۈيى ، سىركەنجىۋىل ساددە ۋە چۈچىمەل دورىلار ، يىمەكلىكلەر بىرىلىدۇ . ئەگەر ئانا بالا ئىمىتىۋاتقان بولسا يۇقۇرقى تەدبىرلەر ئانىنىڭ بەدەن ساپاسى بۇۋاقنىڭ ئايلىق ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭشىلىدۇ ياكى ئازايتىلىدۇ .
  ئەگەر سۈت ئازلىق بەلغەم مىزاج كىشىلەردە كۆرىلسە بەلگىلىك مىقتاردا تەڭشەش ۋە ھۆللىكنى قورىتىش لازىم . يەنى سەۋزە ، زاغۇن ، بادىيان ۋە سېرىق چىچەكلەردىن مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلدۇرۇش ، بۇغداي ئۇنى ھالۋىسىغا ئاز مىقتاردا بادىيان تالقىنى ۋە ھەسەل قۇشۇپ ئىستىمال قىلدۇرۇش لازىم .
  ئەگەر سۈت ئازلىق غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان بولسا ، قىززىتقۇچى ۋە ھۆللىكنى قۇرۇتقۇچى دورىلاردىن تاللاپ ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ . يەنى بۇغداي ، نۇقۇت ، ئارپا ، ئەنجۈر ھالۋىسىغا ئاز مىقتاردا بادام يىغى تىمىتىپ ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ .
ئەگەر سۈت ئازلىق غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولسا ، قان خىلىتىنى تەڭشىگۈچى ، سۈت كۆپەيتكۈچى ، تەبىئەتنى كۈچلەندۈرگۈچى ھاۋائى بەيزە ، لوئوقى بادام ، بادام ھالۋىسى ، سۈتلۈك پولو قاتارلىقلار تاللاپ  بىرىلىدۇ . يۇقارقى تەدبىرلەر ئەگەر ئانا بالا ئىمىتىۋاتقان بولسا ، ئانىنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە بالىنىڭ ئايلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭشىلىدۇ ياكى ئازايتىلىدۇ .
   2. قان كەملىك ۋە قان يوقىتىشتىن بولغان سۈت ئازلىق
ئانا تىنىنىڭ ئاجىر بۇلىشى ، ئۇزۇن مۇددەت كىسەل تارتىشى سەۋەبىدىنمۇ ساپ قاننىڭ مىقتارى تۈۋەنلەپ  ، بالىغا كىرەكلىك بولغان سۈتمۇ مۇناسىپ ھالدا ئازلاپ كىتىدۇ . كۆپلەپ قان بىرىش ، تولا بۇرۇن قاناش ،  ھەيىز قېنىنىڭ كۆپ كىلىشى ، چىللە قېنىنىڭ كۆپ بولىشى سەۋەبىدىنمۇ قان ئازلىقتىن كىلىپ چىققان سۈت ئازلىق پەيدا بولىدۇ . قان ئازلىقتىن بولغان سۈت ئازلىققا چارە قىلىشتا قان كۆپەيتكۈچى ، يۈرەكنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى ، بەدەننى سەمرىتكۈچى چارىلەر قوللىنىلىدۇ . ئانىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ داۋائى مىشكى ، ھالۋائى بەيزە ، لوبوبي كەبىر ، داۋائى تىرەنجىبىن ، مەجۈنى بەيزە ، مەجۈنى ھالۋائى بادام ، ناپىننە شەربىتى ، ئەبرىشىم شەربىتى . . . قاتارلىقلاردىن تاللاپ ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ .  ئىستىمالىغا : تۇخۇم سېرىغى ، سۈت ، پاقلان شورپىسى ، پاقلان گۆشى ، دۈمبە سېلىغان گۆرۈچ ئېشى ( يۇمشاق پىشقان ) ، نۇقۇت ۋە زەنجىۋىل قوشۇلغان  توخۇ شورپىسى ، ھەسەل سۈيى .. . قاتارلىقلاردىن تاللاپ بىرىلىدۇ .
  3. ئوزۇقلىق يىتىشمەسلىك ۋە ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكتىن بولغان سۈت ئازلىق .

بۇ خىل سۈت ئازلىق كۆپىنچە ۋاقتىدا تاماق يىمەيدىغان ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىدىغان ، ئىلمىي ئۇزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئاياللاردا كۆپرەك كۆرىلىدۇ . بۇ خىل سۈت ئازلىققا چارە قىلىشقا ئەگەر ئانا بالا ئىمىتىۋاتقان بولسا ئانىنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە بۇۋاقنىڭ ئايلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاۋۋال يەڭگىل دورىلار كېيىن كۈچلۈك بولغان سۈت كۆپەيتكۈچى دورىلاردىن تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ . ئىستىمالىغا : قىزىل تۇدرى تالقىنىنى ئىسسىق كالاسۈتى بىلەن قوشۇپ بىرىلىدۇ . سۈتلۈك قوي ۋە ئۆچكىنىڭ ئەمچىگىنىمۇ ئىستىمال قىلدۇرىشمۇ سۈت كۆپەيتىدۇ ، ئەمچەككە يەڭگىل دەرىجىدە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ( ئىسسىق لۆڭگە ) ، سىلاپ بىرىشمۇ سۈت كۆپەيتىش ۋە سۈتنىڭ راۋان چىقىشىغا مەلۈم دەرىجىدە پايدىسى بولىدۇ . ئىككىنجى بۈلەكتە تىلغا ئېلىنغان تائاملاردىن مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىستىمال قىلدۇرۇش كىرەك .
   4. روھى ئامىل سەۋەبىدىن بولغان سۈت ئازلىق .

بۇ خىل سۈت ئازلىق ئۇزۇن مەزگىل روھى جەھەتتىن ئازاپلانغان ، قايغۇرغان ، خىيالنى كۆپ سۈرىدىغان ، زەربىگە ئۇچرىغان ئاياللاردا كۆپرەك كۆرىلىدۇ . بۇ خىل سۈت ئازلىققا چارە قىلىشتا ،   ئەگەر ئانا بالا ئىمىتىۋاتقان بولسا ئانىنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە بۇۋاقنىڭ ئايلىق ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ مىڭىگە ئۇزۇق بولىدىغان ، يۈرەكنى كۈچلەندۇرىدىغان دورىلار ئاساس قىلىنىپ ، يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان دورا ۋە تائاملاردىن تاللاپ ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ .

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر