بوۋىقىڭىزنىڭ چىش چىقىش مەزگىلىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلەمسىز

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بوۋاقلار 6-7 ئايلىق بولغاندا سۈت چىشى چىقىشقا باشلايدۇ. بوۋاقلارنىڭ تۇنجى چىشى چىقىشى ھاياتلىقتىكى يېڭى بىر جەريان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدىكى باشقا بىر جەريانلاردىن پەرقلىنىدىغان ئۇزاقراق جەرياننى بېسىپ ئۆتىدۇ. قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ چىش چىقىش جەريانىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ؟

 مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئادالەت ئابلىمىتتىن ئىگىلىشىچە، بوۋاقلارنىڭ تۇنجى سۈت چىش چىقىش ۋاقتى ئومۇمەن يېرىم ياشقا كىرگەندە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن باشلىنىدىكەن. بوۋاقلاردا تۇنجى سۈت چىشى چىقىشتىن بۇرۇن شۆلگەي ئېقىش، قاتتىق نەرسىلەرنى چىشلەش، قىزىش، يىغلاڭغۇ بولۇپ قېلىش، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن. ئانىلار بوۋىقىدا كۆرۈلگەن بۇ ئەھۋاللارغا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىپ، بالىسىنىڭ ساغلام چىش ئىگىسى بولۇشىغا ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك ئىكەن.

سۈت چىشى ئۆمۈر چىشىدەك قاتتىق بولمىغاچقا، ئانىلار سۈت چىشى چىققاندىن كېيىنلا بوۋىقىغا بىۋاستە تاماق ياكى قاتتىق نەرسىلەرنى بېرىشتىن، ئەمچىكىنى چىشلىتىپ ئۇخلىتىشىتىن ساقلىنىشى؛ سۈت چىشى چىقىدىغان چاغدا چىش يىلتىزى قىچىشىدىغان بولغاچقا، ھەر كۈنى داكىنى سوغۇق سۇدا نەمدەپ چىش يىلتىزىغا بوش سۈركەپ بېرىپ، سۈت چىشىنىڭ ئۆسۈشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىشى، بۇ ۋاقىتتا بوۋىقىغا ماس كېلىدىغان چىشلەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، چايناشنى مەشق قىلدۇرۇشى، بۇ ئارقىلىق بوۋاقنىڭ كالپۇك ياكى قولىنى شورىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، رەتلىك چىش چىقىشىغا ئاساس سېلىشى؛ چىش چىقىۋاتقاندا بوۋاقنىڭ يۈز قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بېرىشى؛ شۆلگەينى ۋاقتىدا تازىلاپ، ئىلمان سۇ بىلەن ئېغىز ئەتراپىنى يۇيۇپ، شۆلگەينىڭ ئېڭەكنى زېدە قىلىشىدىن ساقلىنىشى، ناۋادا بوۋاقنىڭ شۆلگىيى ھەددىن زىيادە كۆپ بولسا، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈشى؛ بوۋاقلاردا ئىچ سۈرۈش ئېغىرراق بولسا، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشنى ئازايتىپ، سۇيۇق-سەلەڭ تاماق، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى بېرىشى كېرەك ئىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر