بالىلاردىكى ئىچ سۈرۈش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: 妇幼健康指南 | ۋاقتى: 2012/07/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ي. م. ئىلقۇت | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

كىچىك بالا ئىچ سۈرۈشنى ھەزىم ياخشى بولماسلىق دەپمۇ ئاتايدۇ، 2 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ياز-كۈز پەسلىدە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى.
بوۋاق ئىچ سۈرۈشىنىڭ سەۋەبى كۆپ، ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئەھۋال بولىدۇ:
1. ئوزۇقلۇنۇش كۆپ ياكى ئاز بولۇش، ۋاقتى مۇقىم بولماسلىق، بەلگىلىك بولماسلىق، سۈتنى تۇيۇقسىز ئۈزۈش، ماي تەركىبى كۆپ يېمەكلىكنى بالدۇرلا بىرىش.
2. شامال تېگىش ئۈچەينىڭ ھەركىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، ھەزىم قىلىش يولىدىكى ھەزىم قىلىش ئېنزىمى(ئېچىتقۇ)نىڭ ئاجرىلىشىنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېمەكلىك ئاسان ھەزىم بولمايدۇ.
3. مىكروبلانغان يېمەكلىكىنى يېگەندە، مەسىلەن ئېچىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالغان يېمەكلىك، دېزىنفېكسىيەلەنمىگەن سۈت بوتۇلكىسى، چېۋىن دەسسەپ قويغان مېۋە قاتارلىقلار. بالا "تارقىلىشچان زۇكام"، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، بۇمۇ ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يېنىك ئىچ سۈرۈشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى بولسا، چوڭ تاھارەت قېتىم سانى كۆپىيىش، كىچىك تەرىتى سېرىق-يېشىل ئاز كېلىش، پۇرقى كىسلاتادەك سېسىق پۇراش، ئازراق ئاق رەڭلىك شىلىمشىق ماددىلار بولۇش، تاھارەت قىلىش ئالدىدا ھەمىشە بىئارام بولۇش، يۈزى تاتىرىش، تاھارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر ئاز ئارام تېپىش.
بالا ئىچ سۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتۇر. ئانا سۈتى بىلەن بېقىش بوۋاقنى مۇۋاپىق ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ئانا سۈتى تەركىبىدە ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلىرى نىسبىتىمۇ مۇۋاپىق، ھەزىم قىلىشقا ئاسان بولۇپ، يەنە ھەر خىل ئىممۇنلۇق ماددىلار بار، ھەمدە ئانا سۈتى ئاسانلىقچە بۇلغىنىشقا ئۇچرىمايدۇ. بۇ دەل ئانا سۈتى بىلەن باققاندا بوۋاقنىڭ ئىچ سۈرۈپ قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنىڭ سەۋەبىدۇر. سۈنئىي ئېمىتىلىدىغان بوۋاقنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقلۇنۇش تازىلىقىغا، ئوزۇقلۇنۇش ئەسۋابىغا، ئوزۇقلۇنۇش ئەسۋابىنىڭ ھەر كۈنى دېزىنفېكسىيە قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، كۆرپىسىنى داۋاملىق يۇيۇپ ئاپتاپقا سېلىش. كىچىك بالىنى مەيلى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ياكى سۈنئىي بېقىش بولسۇن، قوشۇمچە يېمەكلىك بىرىشنى قەدەم-باسقۇچ بىلەن بىرىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا ماسلاشتۇرۇش، يەنە چوڭ تەرەتكە دىققەت قىلىش، ئەگەر بىنورمال بولسا قوشۇمچە يېمەكلىكىنى ئازايتىش. پەسىل ئالماشقاندا بالىنى قېلىنراق كېيندۈرۈشكە دىققەت قىلىش، شامالدارىپ قىلشتىن ساقلاش. 2 ياشتىن كىچىك بالىلار ئاغزىغا بىر نەرسە سېلىشقا ئامراق كېلىدۇ، شۇڭا ئويۇنچۇقىنى دېزىنفېكسىيلەپ تۇرۇش. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بالىغا ئوبدان كۆڭۈل بۆلۈش، تازىلىققا ئەھمىيەت بىرىش، كېسەلنى ئېغىزىدىن توسۇش، بالىنىڭ ئىچ سۈرۈپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئازايتىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۈچەي سىرىتى كېسەللىكى تۈپەيلى ئىچ سۈرۈشتىن ساقلىنىش.
ئەگەر ئادەتتكى ئىچ سۈرۈش بولۇپ، ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم ياكى ئون نەچچە قېتىم، ھەر قېتىم مىقدارى كۆپ ئەمەس، غەلىتە پۇراق يوق، قۇسمايدىغان، ئىشتىھاسى ياخشى، سۇسىزلىنىش يوق، ھەمىشە بىر تەرەپتىن ئىچ سۈرۈپ، يەن بىر تەرەپتىن بەدەن ئېغىرلىقى ئاشىدىغان، روھى نورمال، ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغان بۇنداق بوۋاقنى داۋاملىق ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا بولىدۇ. بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى كۈزىتىش، ئاسىراشنى كۈچەيتىش، قىزىل كاسسا بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر قېتىملىق تاھارەتتىن كېيىن كاسىسىنى پاكىز يۇيۇش ھەمدە دېزىنفېكسىيلەنگەن ماينى سۈرتۈپ كاسىنىڭ تېرىسىنى ئاسراش. شەخسىي تازلىققا دىققەت قىلىش، داۋاملىق بوۋاقنى يۇيۇپ قويۇش، پۈتۈن بەدەننىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر