بوۋاقلارنى بەك ھىم زاكىلىماڭ

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

قىش پەسلىدە نۇرغۇن ئاتا – ئانا بوۋىقىغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئۆيدە ياكى سىرتتا بولسۇن بالىنى ھىم زاكىلايدۇ . بوۋاقلارنى بەك ھىم زاكىلىغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاپ كېتىپ ‹‹قىزىش يىغىندى كېسەللىكى›› پەيدا بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹‹قىزىش يىغىندى كېسەللىكى››نىڭ ئالامىتى زۇكامغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ ، قىزىش ، قۇسۇش ، ھەتتا تارتىشىپ قېلىش ، ھۇشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . چۈنكى بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزىنىڭ ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا ، بەش ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ سىرتقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىغا ماسلىشىشچانلىقى بىر قەدەر تۆۋەن . ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىشى يۇقىرى ، تەرلەپ ئىسسىقلىق تارقىتىشى ئاستا بولۇپ ، ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇش بىلەن تارقىلىشنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە ئاسانلا يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەيدا قىلىدۇ . ئەگەر بوۋاقلار قىزىسا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا قىش پەسلىدە بوۋاقلار ئۈچۈن ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 22 سىلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا كونتورل قىلىش ، بوۋاقلارغا كۆپ كىيىم كىيدۈرمەسلىك كېرەك . بوۋاقلارنىڭ باش قىسمىدا قان تومۇرلار كۆپ بولغاچقا بوۋاقلارنىڭ بېشىنى ئىسسىق ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم ، ھاۋا ياخشى كۈنلەردە بوۋاقنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ شامالدىتىپ تۇرۇش كېرەك .

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر