بوۋاقلار زۇكام بولغاندا تۆۋەندىكى ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

بوۋاقلار زۇكام بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئاسانلىقچە دورا يېگىلى ئۇنىمايدۇ. بۇنى ئوكۇل سالماي، دورا يېگۈزمەي بەزىبىر يەرلىك ئۇسۇل ئارقىلىقمۇ داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بوۋاقلار زۇكام بولۇپ قالغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە ئاددىي ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ:

1. يېمەك-ئىچمەكنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى:
ئومۇمەن، زۇكامنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى ئەڭ ئاز دېگەندە 7 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە سۇيۇق، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى ۋىتامىنلىق يېمەك-ئىچمەكلەرنى بېرىش كېرەك. ئاقسىللىق يېمەكلىك ئۈچۈن تۇخۇم ياكى پۇرچاقتىن ئىشلەنگەن ئوزۇقلۇقلارنى ئاساس قىلىش، چىڭسەي ۋە مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك يىگۈزۈش ئارقىلىق ئادەم بەدىنى كېرەكلىك بولغان ۋىتامىننى تۇلۇقلاش، ئەڭ ياخشىسى مۆتىدىل يېمەكلىك (温食) ياكى قايناقسۇ بېرىش كېرەك. كۆپرەك سۇ ئىچۈرۈش، ۋاقتىنچە گۆش، بېلىق، راك قاتارلىقلارنى بەرمەسلىك كېرەك. بوۋاققا خام، سوغۇق يېمەكلىك بېرىشتىن ساقلىنىش شۇنىڭدەك بوۋاقنى كۆپرەك ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.

2. كىندىكنى تىندۇرۇش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى:
دورىنى بوۋاقنىڭ كىندىكىگە قويۇپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرستىش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالاشتىن ئىبارەت.
قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا نىسبەتەن، پىياز پوستى (葱白) دىن 30 گرام، قارىدان (连翘)دىن 15 گرام ئېلىپ بىرلىكتە قوچۇپ، ئۇنى داكىغا ئوراپ بوۋاقنىڭ كىندىكىگە قويۇپ، بوۋاقتىن تەر چىقاي دېگەندە، بوۋاققا ئىلمان قايناقسۇ ئىچكۈزۈپ، بوۋاقنىڭ تەرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
سوغۇق شامالدىن بولغان زۇكامغا نىسبەتەن، پىياز پوستى (葱白) دىن 30 گرام، زەنجىۋىلدىن بىر پارچە، قارىمۇچتىن 5-7 تالنى بىرلىكتە قوچۇپ، داكىغا ئوراپ، بوۋاقنىڭ كىندىكىگە قويۇش بىلەن بىرگە بوۋاققا ئىلمان قايناقسۇ ئىچكۈزۈپ، بوۋاقنىڭ سوغۇقنى ھەيدەپ چىقىرىپ، تەرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق داۋالاش كېرەك.

3. ئالىقاننى ئۇۋىلاش ئۇسۇلى:
بىرىنچى، ئىسسىق قوغلاش ئالىقان ئۇۋىلاش ئۇسۇلى: بالىلاردىكى سوغۇق شامالدىن زۇكام بولۇشقا ماس كېلىدۇ
يالپۇز، كەۋرەك (بىر خىل دورا ئۆسۈملۈك) نىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرام، زەنجىۋىل 2 پارچە (يۇتقۇنچاق ئاغرىسا ئالمىسىمۇ بولىدۇ) ئېلىپ، ئاۋۋال يالپۇز، كەۋرەكنى ئىزىپ، ئاندىن زەنجىۋىلنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئازراق قايناقسۇ قويۇپ، 7~10سانتىمېتىر كېلىدىغان داكىغا ئوراپ، زۇكام بولۇپ قالغان بالىنىڭ ئالقىنىغا قويۇپ، سىرتىدىن تېڭىپ مۇقىملاشتۇرىمىز. 15~20 مىنۇتتىن كېيىن تېڭىقنى ئېلىۋەتسەك بولىدۇ.
ئىككىنچى، قىزىقنى قايتۇرۇش ئۇۋىلاش ئۇسۇلى: بالىلاردىكى زۇكام، يىنىك قىزىش ياكى يۆتەل قاتارلىقلارغا ماس كېلىدۇ.
يالپۇز، 莲翘 نىڭ ھەر بىرىدىن 9 گرام، ئاپسىلىن شۆپۈكى (橘红) دىن 6 گرام ئېلىپ، بىرلىكتە ئىزىمىز. ئازراق قايناقسۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىككى داكىغا ئۇرايمىز. ئۇۋىلاش ئۇسۇلى ئۈستىدىكى ئۇسۇل بىلەن ئوخشاش

4. سىلاش، سىقىش، ئۇۋىلاش، سۈرتۈش ئۇسۇلى (推捏揉擦法)
بالىلاردىكى زۇكامغا ماس كېلىدۇ. قىزىش ياكى تەر تۆشۈكچىلىرى ئېتىلىپ قېلىپ تەر چىقماسلىق كۆرۈلسە، سوڭ پىيازدىن 100 گرام، يالپۇز يوپۇرمىقىدىن 6 گرام، سېرىق ھاراق (黄酒) دىن 150 مىللىلېتىر ئېلىپ، سوڭ پىيازنى پاكىز تاش ئوغۇر (石臼) غا سېلىپ، 200 مىللىلېتىر ئىلمان قايناقسۇ قۇيۇپ ئىزىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىستاكانغا سېلىپ، يالپۇز يوپۇرمىقىنى سالىمىز، ئاندىن ئىللىتىپ قويغان سېرىق ھاراقنى قۇيۇپ، يۇمشاق شايى ياكى دېزىنفىكسىيەلەنگەن داكىنى بۇ سۇيۇقلۇققا چىلاپ، بۇرۇن قانىتى (鼻翼) نى، ئىككى چېكە، يەتتىنچى بويۇن ئومۇرتقىسى قاتارلىقلارنى ئاۋايلاپ سۈرتىمىز. ئومۇرتقا تۆۋرۈكى (脊柱) ۋە قويرۇق ئومۇرتقا سۆڭىكى (尾椎骨) نىڭ ئىككى تەرىپىنى ئۇۋۇلايمىز. ئىككى جەينەك، ئىككى تىز، ئىككى ئالقاننى ئۇۋىلاپ سۈرتىمىز. ھەر بىر ئورۇننى 15~20 قېتىم ئۇۋۇلايمىز. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بەك كۈچەپ كەتمەڭ، كۈچنىڭ چۈشۈشى تەكشى، مۇۋاپىق بولسۇن.

5. نەپەسنى ياخشىلاش
نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش ۋە بالىنىڭ بۇرنىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشىنى يېنىكلىتىش
نەپەسنى ياخشىلاشنىڭ بەزىبىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى بار.
بىرىنچى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىزىق لۆڭگىدە بالىنىڭ بۇرنىنى سۈرتۈش. قىزىق ھور بالىنىڭ بۇرنىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشىنى ۋاقىتلىق يېنىكلىتىپ، نەپەس يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بالىغا راھەتلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئىككىنچى، بالىنى يانچە يىتىشقا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. يانچە ياتقاندا، بىر تەرەپتىكى دىماغنىڭ بېسىمىنى كىچىكلىتىپ، تەدرىجىي ھالدا نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بالىنىڭ دۈمبىسىگە يىنىك ئۇرۇپ بەرگەندە، بەلغەمنى چىقىرىشقا ياردىمى بولىدۇ. بالىنىڭ تېمپىراتۇرىسى، نەپەسلىنىش ئەھۋالىنى قاتتىق كۆزىتىش، نورمالسىزلىق كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر