ھامىلدارلىقتىن بۇرۇن داۋالاشقا تېگىشلىك 9 كېسەللىك

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. قان ئازلىق 
ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىق ھامىلىدار ئاياللارنى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئازابلاپلا قالماستىن، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ناۋادا پەرزەنتلىك بۇلۇشنى ئويلاشقان ئاياللاردا قان ئازلىق كېسەللىكلىرى بولسا، يېمەكلىكتىن تۇلۇق تۆمۈر ۋە ئاقسىل، مۇۋاپىق مىقداردا تۆمۈر رىئاكتىپى تۇلۇقلاپ، قان ئازلىق ئەھۋالى ياخشلانغاندىن كىيىن، ئاندىن ھامىلدار بۇلۇش لازىم.


2. تۇبېركۇليۇز كېسىلى
تۇبېركۇليۇز كېسلى بىۋاستە ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ھامىلدار بۇلۇشتىن بۇرۇن جەزمەن داۋالىتىپ ساقايتىش كېرەك.

3. يۈرەك كېسىلى
 يۈرەك ئىقتىدارى بىنورمال بولسا قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بالا ھەمرىيى قان تومۇرلىرىنىڭ غەيرى بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ، بالا چۈشۈپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇلۇش، ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنى ۋە ھاياتى خەۋپكە ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ھامىلدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىتىش ۋە دوختۇرنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاش كېرەك.
3. بۆرەك كېسەللىكى
بۆرەك كېسەللىكى بىمارلىرى ئەگەر ھامىلىدار بولسا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، بالا چۈشۈپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇلۇش، بەزىلىرىدە ھەتتا ھامىلىدارلىقنى توختىشىشقا مەجبور بۇلۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، بۆرەك كېسەللىكىنىڭ دەرىجىسى ۋە ئالامەتلىرىگە ئاساسەن، دوختۇردىن ھامىلىدار بۇلۇش ئىمكانىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىم.
4. يۇقىرى قان بىسىم كېسەللىكى
يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئاسانلا ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بۇلىدۇ ھەمدە ئېغىر كېسەللىك ئەھۋالىغا ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر ئۆزىنىڭ قان بىسىم قىممىتىنى ئۇقمايدىغانلاردا قاتتىق باش ئاغرىش، مۈرىلەر سىرقىراپ ئاغرىش، ئۇيقۇسىراش،باش قېيىش ۋە سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم.
5. جىگەر كېسەللىكلىرى
ھامىلىدارلىقتىن كېيىن، جىگەرنىڭ بېسىمى ئارتىدۇ، ئەگەر جىگەر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندا، جىگەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ناچارلىشىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا ھامىلىدارلىقنى توختىتىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى يىنىك بولسا، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىنى داۋاملاشتۇرسا بۇلىدۇ.
6. دىيابىت كېسەللىكى
ھامىلىدار ئاياللاردا دىيابىت كېسەللىكى بولسا، بالا چۈشۈپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇلۇش، بەزىدە بالا بالىياتقۇدا ئۆلۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بالىنىڭ زىيادە چوڭلاش، كەمتۈك بۇلۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. شۇڭا دوختۇردىن ھامىلدار بولسا بۇلىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
7. دوۋساق ياللۇغى، بۆرەك جامى -بۆرەك ياللۇغى
دوۋساق ياللۇغى تەرەققىي قىلىپ بۆرەك جامى-بۆرەك ياللۇغىغا ئايلىنىدۇ، بۆرەك جامى-بۆرەك ياللۇغى بىمارلىرىدا سۈيدۈك كۆپ بۇلۇش، سۈيدۈكنىڭ ھەممىسىنى چىقىرالماسلىق ۋە سىيگەندە ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. دوۋساق ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاياللار چوقۇم داۋالىنىپ ساقايغاندىن كىيىن ئاندىن ھامىلىدار بۇلۇش كېرەك.


8. جىنسىي يول ياللۇغى
جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ تۈرى كۆپ بۇلۇپ، كۆپىنچىسى تەسۋىسىمان باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر بۇ خىل كېسەللىك بار ئەھۋالدا يەڭگىگەندە، ھامىلىنى ياللۇغلاندۇرۇپ، بوۋاقنىڭ جاۋغاي ياللۇغى بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى: 
پەرزەنتلىك بۇلۇش-چوڭ بىر «قۇرۇلۇش». ساغلام، ئەقىللىق پەرزەنت يۈزى كۆرۈشنى ئويلىشىۋاتقان ئاتا-ئانىلار يۇقارقى تەۋسىيەلەردىن باشقا، ئەگەر شارائىتى يار بەرسە، چوڭراق دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، ئاياللار-تۇغۇت بۆلۈمىدە ھامىلدارلىقتىن ئىلگىرىكى ساغلاملىق تەكشۈرتۈشى ئېلىپ بېرىپ، مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت ئېلىشى (مەسىلەن: يۇپۇرماق كېسلاتاسى تۇلۇقلىمىغاندا، بالا غەيرىي تۇغۇلۇپ قالىدۇ) لازىم. بولمىسا بالىنىڭ تېنى ئاجىز بۇلۇش، غەيرىي تۇغۇلۇش، ئېغىر بولغاندا ھامىلدار ئايال ۋە بوۋاقنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچراش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ھامىلدارلىقتىن بۇرۇنقى بەدەن شارائىتى تەييارلىقىغا سەل قارىماسلىق كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر