ئىككىقات ئاياللار بەل ئاغرىقىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 بەل ئاغرىقىنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەرفىزىيولوگىيەلىك ئامىل: ئاياللار ئىككىقات بولغاندىن كېيىن، بەدىنىدە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، تۈرلۈك بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سۆڭەك، مۇسكۇل سىستېمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر %50 - %80 ئىككىقات ئايالدا بەل ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ.

1. ھامىلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بالىياتقۇ يوغىنايدۇ، يوغىناش ھالىتىدىكى قورساق بەل ئومۇرتقىلىرىنىڭ ئالدىغا ئېگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن، دۈمبە قىسمىدىكى مۇسكۇللار ئۇزۇن ۋاقىت جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇسكۇللاردا ئاستا خاراكتېرلىك زەخىملىنىش كۆرۈلىدۇ.

2. ئىككىقات مەزگىلىدە بەدەندىن ئاجرىلىپ چىققان بىر قىسىم ھورمۇنلار، مەسىلەن، رېلاكسىن قاتارلىقلار داس سۆڭىكىدىكى پەي - سىڭىرلار ۋە بەل ئومۇرتقىسى ئارىلىقىدىكى بوغۇم، پەي - سىڭىرلارنى بوشاشتۇرىۋېتىدۇ.

3. ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك كالتسىي، فوسفور قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار زۆرۈر بولىدۇ. ئەگەر، يېمەكلىك ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىسا، سۆڭەككە كالتسىي يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.

4. بالىياتقۇنىڭ يوغىنىشىغا ئەگىشىپ، بالىياتقۇ ئەتراپىدىكى پەي - سىڭىرلار ۋە يۇمشاق توقۇلمىلار بوشىشىدۇ.

5. داۋاملىق يوغىناۋاتقان بالىياتقۇ قورساق بوشلۇقىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى سوقماس تومۇردىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، داس بوشلۇقىدا قان ئۇيۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. داۋاملىق يوغىناۋاتقان بالىياتقۇ داس، توققۇزكۆز نېرۋىلىرىنى بېسىۋالىدۇ. يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەل ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ. بىراق، بۇ خىل ئەھۋاللار كۆپىنچە فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشكە تەۋە بولۇپ، بۇنىڭدىن زىيادە ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

كېسەل ئامىلى: بىرقىسىم كېسەللەر بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، داس بوشلۇقى ياللۇغى، داس بوشلۇقى ئۆسمىسى، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى چىقىپ قېلىش، بۆرەك ياللۇغى، سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، بويىدىن ئاجراش ياكى بالدۇر تۇغۇش ئېھتىمالى بولسىمۇ، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى سەۋەبلىك بەل ئاغرىقى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىسا ياكى جىنسىي يولدىن قان كەلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. ئەگەر، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ياكى بالدۇر تۇغۇش ئېھتىماللىقى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ بەل ئاغرىقى ئېغىر بولسا، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش

1. ئىككىقات ئايال ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرسا ياكى ئولتۇرسا، داس بوشلۇقىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى ھەم ھامىلىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى تەسىرگە ئۇچراپ، بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. شۇڭا، ئىككىقات ئاياللار مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشى، ئۆرە تۇرغاندا ياكى ئولتۇرغاندا بىرەر نەرسىگە تايىنىۋېلىشى كېرەك.

2. كەڭ، ئازادە كىيىملەرنى كىيىش، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيمەسلىك كېرەك.

3. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش كېرەك. مۇۋاپىق ھەرىكەت دۈمبە قىسمىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرىدۇ. ئاستا مېڭىش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئىككىقات ئاياللارغا ماس كېلىدۇ. تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇش ياكى بەدەننى بۇراش، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق كېرەك.

4. سول يېنىنى بېسىپ ياتسا، بالىياتقۇنىڭ قان تومۇرلارغا بولغان بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، بالا ھەمرىيىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭدا بىئاراملىقنى تۈگىتىپلا قالماستىن، يەنە ھامىلىگە ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈشكە پايدىلىق.

5. بەلنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى مۇسكۇلنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق، مۇسكۇلنىڭ چارچىشىنى تۈگىتىپ، مۇسكۇل ئاغرىشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. باشنى ئالدى- ئارقىسىغا ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىقمۇ دۈمبە مۇسكۇلىنى بوشاشتۇرغىلى، بەل، دۈمبە مۇسكۇلىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

6. ئىككىقات ئاياللار ئوزۇقلىنىشتىن قوبۇل قىلغان كالتسىي پەقەت ئۆزىنىڭلا ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ. شۇڭا، قورساق كۆتۈرۈپ 20- ھەپتىدىن باشلاپ كالتسىي تولۇقلاش، يەنە دائىم ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئابدۇقېيىم ئابدۇرېھىم تەرجىمىسى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر