قىرقى مەزگىلىدىكى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشى

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: قىرقى مەزگىلدىكى | ۋاقتى: 2011/09/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 06 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

1. جىنسىي ئەزا ئۆزگىرىشى
1) بالىياتقۇ: تۇغۇت ئاخىرلاشقاندا، بالىياتقۇ تۈۋى كىندىك ئاستىغا 1~2 ئىلىك كېلىدىغان يەردە بولىدۇ، كېيىنچە يوغانغان مۇسكۇل تالالىرى تارىيىپ، سۇلۇق ئىششىق ۋە قان تولۇش ھادىسىلىرى تۈگەيدۇ، بالىياتقۇ ئاستا~ئاستا كىچىكلەپ بارىدۇ.  بالىياتقۇ تۈۋى ھەر كۈنى تەخمىنەن   1.5 سانتىمېتىر تۆۋەنلەيدۇ، تۇغۇتتىن كېيىنكى 5~6 كۈندە كىندىك دوۋسۇن سۆڭىكىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا يېتىپ بارىدۇ، 10~  14 كۈندە داس بوشلۇقىغا چۈشۈپ، قورساق قىسمىدا ئاسانلىقچە قولغا ئۇرۇنمايدۇ، 7~8 ھەپتىدىن كېيىن ھامىلىدار بولماس ۋاقتىدىكى ھالەتكە ئەسلىگە كېلىدۇ.  بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سالامەتلىكى ۋە روھى ھالىتى، تۇغۇت قېتىمى، تۇغۇت جەريانىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ۋە تۇغۇت ئەھۋالى، سۈت بەرگەن– بەرمىگەنلىكى، بالىياتقۇنىڭ يۇقۇملانغان– يۇقۇملانمىغانلىقى ۋە بالا ھەمراھى توقۇلمىلىرى قالدۇقىنىڭ بار– يوقلىقى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. 
2) بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى: تۇغۇت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئۆزگىرىپ چۈشۈپ، چىللە خۇنى بىلەن بىللە جىنسىي يولدىن چىقىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئاساسىي قەۋەتتىن قايتا ھاسىل بولۇپ، بالا ھەمراھى چاپلىشىپ تۇرغان جايدىكى جاراھەتمۇ ئاستا– ئاستا ئوڭشىلىپ، تۇغۇتتىن كېيىن 7~8  ھەپتىدە سەللىمازا ساقىيىدۇ. 

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر