قىرقى مەزگىلدىكى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ پۈتۈن بەدەندىكى باشقا ئۆزگۈرۈشلەر

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: قىرقى مەزگىلدىكى | ۋاقتى: 2011/09/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 06 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

1. بەدەن تېمپىراتورىسى: كۆپ ساندىكى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى بەدەن تېمپىراتورىسى نورمال بولىدۇ.  ئەگەر تۇغۇت جەريانى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ زىيادە چارچاپ كەتكەنلەر بولسا، تۆۋەن قىزىتما پەيدا بولىدۇ، بىراق كۆپ بولغاندا ℃38 تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، كۆپىنچىلىرى 24 سائەتتىن كېيىن نورمال ئەسلىگە كېلىدۇ.  تۇغۇپ 3~4 كۈندىن كېيىن ئەمچەكنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىمۇ تۆۋەن قىزىتمىنى پەيدا قىلىدۇ، سۈت ئاجرىتىش راۋانلاشقاندىن كېيىن نورمال ئەسلىگە كېلىدۇ.  ئەگەر بەدەن تېمپىراتورىسى چۈشمەي 24 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشسا، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، قىزىتىش سەۋەبىنى تېپىش كېرەك .
2. تومۇر سوقۇش: تۇغۇتتىن كېيىن تومۇرنىڭ سوقۇشى كۆپىنچە ئاستىراق بولىدۇ، مىنۇتىغا 60~70 قېتىم سوقىدۇ، بالا ھەمراھىدا قان ئايلىنىشنىڭ توختىغانلىقى ۋە يېتىپ دەم ئالغانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.  ئەگەر تومۇرنىڭ سوقۇشى زىيادە تېز بولۇپ كەتسە، يۈرەكنى تەكشۈرۈش ھەم زىيادە قانسىراشتىن بولغان-بولمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم .
3. قان بېسىمى: ئادەتتە نورمال بولىدۇ .

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر