دىققەت! بۇ خىل ئاياللار غەيرىي بوۋاق تۇغۇپ قويىدىكەن

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ. ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﻮﯞﯨﻘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ.
1.ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ, ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯧﯖﻪ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ, ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻛﻪﻣﺘﯜﻙ, ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ, ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻛﻪﻣﺘﯜﻛﻠﯜﻙ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﯖﻪ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺯﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﺎ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ, ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ.


2.ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺭﺍﺩﯨﻴﻮﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﻧﯘﺭﺩﺍ ﺩﯨﻴﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ, ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
3.ﻣﯜﺷﯜﻙ, ﺋﯩﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺶ. ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻣﯩﻜﺮﻭﺏ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﯜﺷﯜﻛﻠﻪﺭ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯜﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﮔﻪﻧﺪﯨﺴﯩﺪﻩ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﺩﻩ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﭼﻘﺎ, ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ %40 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ.
4.ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯧﻨﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﺍﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯧﻨﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﺍﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ, ﺳﯘﺱ ﭘﻪﺭﺩﺍﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ, ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﮬﺎﻣﯩﻠﻪ ﺗﯘﻏﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ 2.25 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﭘﻪﺭﺩﺍﺯ ﺑﻮﻳﯘﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻏﯘﺷﯘﻥ, ﺳﯩﻤﺎﺏ, ﺋﺎﺭﺳﯧﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ, ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭘﻪﺭﺩﺍﺯ ﺑﻮﻳﯘﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ ﻛﯜﻥ ﻧﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﺭﯗﺗﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﻳﺮﯨﻴﻠﯩﻜﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﻭﻣﺎﺗﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﯞﻯ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.
5.ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﮬﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﻚ. ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﻪﻧﺴﻪ, ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﻪﺷﺴﻪ, ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺑﻪﺯ ﭘﻮﺳﺘﻠﯩﻘﻰ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯘﻗﯘﻟﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺳﻪ, ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻛﺎﻟﭙﯘﻙ, ﺗﺎﯕﻼﻱ ﻳﯧﺮﯨﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
6.ﻛﯚﻛﻪﺭﺗﻜﯜﭼﻰ ﺯﻩﻣﺒﯘﺭﯗﻍ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺶ. ﻛﯚﻛﻪﺭﺗﻜﯜﭼﻰ ﺯﻩﻣﺒﯘﺭﯗﻍ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺗﯘﻏﯘﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﯚﻛﻪﺭﺗﻜﯜﭼﻰ ﺯﻩﻣﺒﯘﺭﯗﻍ ﺑﺎﻻ ﮬﻪﻣﺮﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ, ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺮﻭﻣﻮﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. (ﺋﺎﻳﺰﯙﮬﺮﻩ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر