ئانا سۈتى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 ئانا سۈتىنىڭ بوۋاقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئوزۇقى ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئانا سۈتىنىڭ يەنە بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىمۇ بار. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلانغان بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلانمىغان ياكى ئانا سۈتىگە تويۇنمىغان بالىلارنىڭكىدىن %50 تۆۋەن بولىدىكەن. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئانا سۈتى تەركىبىدە DHA دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، بۇ خىل ماددىنىڭ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدىكەن، يەنى بۇ خىل ماددا مېڭە ھۈجەيرىسى ۋە كۆرۈش تور پەردىسىدىكى نۇر سەزگۈچى ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوۋاقلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن. ئانا سۈتىگە تويۇنمىغان بالىلار بوۋاق چېغىدىلا ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ھەر قايسى ئورگانىزملىرى ۋە يېتىلىشى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى ئۈچۈن، نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، كەلگۈسىدىكى ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىمكانىتىدىن مەھرۇم قالىدىكەن

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر