ھامىلدار ئاياللار ئۇسسۇلۇق تاللاشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش كېرەك : قايناق سۇ ئادەم بەدىنىدىكى ‹‹ ئىچكى ئەزالارنى تازىلايدىغان سوپۇن›› لۇق رولىنى ئويناپ ، ھۈجەيرە پەردىسىگە تېز سىڭىپ كىرىپ ، يېڭى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، گېموگلوبىن مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، قايناق سۇ ھامىلدار ئاياللاردىكى سېزىكلىكتىكى ھۆ بولۇش ، قۇسۇشنى پەيدا قىلىدىغان ھورمۇن سۇيۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدۇ . مىنېرال سۇ ئىچىشتە چەك قويۇلۇشى كېرەك : مىنېرال سۇ ئىچكەندە پايدىلىق ماركىلارنى تاللاش كېرەك . لېكىن ھامىلدار ئاياللار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سوغۇق سۇ ئىچىشتىن ساقلىنىپ ، ئۈچەي يوللىرىنىڭ غىدىقلىنىشىنى پەيدا قىلىپ بالىياتقۇنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . تازىلانغان سۇ ئىچمەسلىك كېرەك : تازىلانغان سۇنى كۆپ مىقداردا ئىچكەندە ، بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمنتلار يوقىلىپ ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ . چاينى ئاز ئىچىش كېرەك : چاي ھامىلدار ئاياللارنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇپ ، ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىپ ، يۈرەك سېلىش ۋە بالا مىدىرلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆپەيتىۋېتىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتالار يېمەكلىكتىكى كالتسىي ، تۆمۈر ئېلېمېنتى بىلەن بىرىكىپ ، كالتسىي ۋە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ . بۇ تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىغا پايدىسىز . كولا بىلەن قەھۋەنى بىللە ئىچمەسلىك كېرەك : كولا بىلەن قەھۋە ئوخشاشلا ھامىلدار ئاياللارنىڭ روھىي كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . كولا تەركىبىدە قەھۋە ئىئونى ، پىگمېنت ، كاربونىك كىسلاتا قاتارلىقلار بار بولۇپ ، ئۇلار ھامىلدار ئاياللاردا تۆمۈر ، كالتسىي كەمچىل بولۇش كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ . ھەر كۈنى بىر ئىستاكان يېڭى مېۋە سۈيى ئىچسە كۇپايە : يېڭى مېۋە سۈيى تەركىبىدە %90 تىن يۇقىرى سۇ بولغاندىن سىرت ، يەنە مېۋە قەنتى ، گىلۇكوزا ، قومۇش شېكىرى ۋە ۋىتامىنلار بار بولۇپ ، ئۇلار ئىنتايىن ئاسان ھەزىم بولىدۇ . شۇڭا ھامىلدار ئاياللارنىڭ كۈنكۈكى ئىستېمال قىلغان مېۋە سۈيى 300 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . مېۋە ئىچىملىكى تەركىبىدە يەنە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا ، رەڭ ماددىسى ۋە مۇئەتتەر بار ، بۇ خىل ماددىلار ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق .

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر