بالىسىنى سۈتتىن ئايرىماقچى بولغان ئاياللارغا

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بەزى ئانىلار  خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن بوۋىقىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ئىزچىل ئىكى يىل ئىمىتىشكە ئامالسىز قالىدۇ، بەزىلەر بولسا مۇمكىن قەدەر ئۆزىنىڭ سۈتى بىلەن بېقىشنى ئويلىسمۇ سۈت يىتىشمەسلىك ۋە تۇيۇقسىز سۈت كەملەپ كېتىش ھادىسلىرى كۆرۈلىدۇ. بالىنى قەستەن سۈتتىن ئايرىۋالىدىغان ناچار ئىللەتلەر كۈنسايىن ئازىيىپ  يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەندى...
دېمەكچى بولغىنىم؛ ھازىرقى ياش ئانىلاردا تەجرىبە كەمچىل، شۇڭا نۇرغۇن ئىشلاردا نېمە قىلىشنى، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالىدۇ. شۇڭا ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان ساغلام بولغان بىر قىسىم ئەنئەنىلىرىنى تونۇشتۇرغاچ، بوۋىقىنى سۈتتىن ئايرىش زۆرۈل بولۇپ قالغان ئانىلارغا توغرا ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ بەرمەكچىمەن:
1. سۈتتىن ئايرىشقا ئەڭ ياخشى پەىسىل كۈز پەسلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئادەم تېنىگە كېرەك بولغان مىكرو ئىلمىنلارنىڭ تولۇق ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا مۇشۇ مەزگىلدە بوۋاقلارنى سۈتتىن ئايرىغاندا بالىغا ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ئانچە  كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.
يەنە بىرى كۈز پەسلى ھاۋا كىلىماتى ئەڭ ياخشى پەسىل بولۇپ، بالا ئانا سۈتىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلغاندا ئۇنىڭ ئاشقازان ئۈچەيلىرىدىكى ئۆزگۈرۈش ئانچە چوڭ بولمايدۇ. ئەتىياز پەسلىمۇ بىر قەدەر ماس كىلىدىغان پەسىل بولۇپ ئۇ ۋاقىتتىمۇ يىمەكلىككە دىققەت قىلغان ئاساستا بالىنى ئانا سۈتىدىن ئايرىسا بولىدۇ. ھاۋا ئىسسىق تومۇز كۈنلىرى ياكى قىش پەسلىدە سۈتتىن تۇيۇقسىز ئايرىلسا بالىنىڭ ھەزىم سېستىمىلىرىدا دەماللىققا ئادەتلىنەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئىچى سۈرۈپ كېتىدىغان، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماققا كىرىشەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ. 


2. بالىنى ئانا سۈتىدىن ئايرىشتىن بۇرۇن چوقۇم تاماققا ۋە باشقا يېمەكلىكلەرگە كۆندۈرىۋېلىش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا بالا ئانا سۈتىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ تاماق ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرگە كۆنۈلمەيدۇ - دە ھېچ نەرسە يېگىلى ئۇنىماي ئاچ قورساق يىغلاۋېرىدۇ، ئاق قورساق ھالەتتە كۆپ يىغلاش بالىنىڭ مېڭىسىگە يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، مېڭىسى نۇرمال يىتىلمەسلىك قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماققا كىرىشەلمىگەن بوۋاقنىڭ ئاشقازان - ئۈچەي خىزمىتى بۇزۇلغاندىن باشقا يەنە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكمۇ كۆرۈلىدۇ.
3. <ئانىسىنى كۆرسە سۈت خۇمارى تۇتۇپ خەخىش قىلىدۇ> دەپ بالىنى ئانىدىن ئايرىۋەتمەسلىك لازىم. ئۇنداق قىلغاندا ئانا سۈتىدىن ئايرىلىش ئازابىدا پۇچىلىنىۋاتقان بوۋاق، ئانا مىھرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالسا كىچىك تۇرۇپلا روھى زەربىگە ئۇچرىغان بولىدۇ - دە بالىنىڭ نېرۋا سېستىمىسىغا مۇئەييەن تەسىر يېتىدۇ. ئەگەر بىر ئۆيدە تۇرۇپ ئانا سۈتىدىن ئايرىش قىيىنغا توختىسا، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەدبىرلىرى(ئانىنىڭ كۆكسىگە زىيانسىز قارا رەڭ سۈركەش ياكى چۈشكەن چاچنى پاكىز يۇيۇپ كۆكسىگە قويىۋېلىش) نى قوللىنىشقا بولىدۇ، ھەمدە بالىغا مەيلى بىلسۇن بىلمىسۇن ئانىسىنىڭ "قارا" ئەمچىكىنى يەنە ئېمىۋەرسە بولمايدىغانلىق توغرىسىدا مۇلايىملىق بىلەن چۈشەنچە بېرىش كېرەك، چۈنكى بوۋاقلاردىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاڭ بولىدۇ. بالا قارىنى كۆرگەندىن كېيىن ھەم ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىگە لايىق ئاڭلىقلىقى بىلەن ئانىسىنى ئىمىشتىن توختايدۇ، شۇڭا ھەممىدىن ياخشى چارە بالىنىڭ ئۆز ئاڭلىقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئانا سۈتىدىن ئايرىش ئەڭ ئاقىلانىلىق ھېسابلىنىدۇ.
4. بوۋاقنى يېڭىدىن ئايرىغاندا يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ۋە مۆتىدىل بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بالا يىغلىدى دەپلا كىچىك دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ۋە سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ھەرگىزمۇ ئېلىپ بەرمەسلىك، ۋاقتى - قەرەلىدە تاماقلاندۇرۇش، ئۇسسۇز قويماسلىق، سىرتلارغا ئىلىپ چىقىپ ھاۋالاندۇرۇش ۋە ئامراق ئويۇنچۇقلىرىنى ئوينىتۇپ تۇرۇش، ھىكايە سۆزلەپ بېرىش ۋە باشقا ئويۇنلار ئارقىلىق ئانا سۈتى خۇمارىنى بېسىشقا ياردەم بېرىش لازىم.
5. بالا ئانا سۈتىدىن يېڭى ئايرىلغاندا ئىنتايىن نازۇقلىشىپ كېتىدۇ، بۇنداق چاغدا ئائىلە ئەزالىرى مېھرىبانلىق كۆرسىتىشى،  ۋاىتىنچە رايىغا بېرىشى، كۆپ يىغلاتماسلىقى، ۋاقىراپ ئازار بەرمەسلىكى، چۈكۈنلىشىپ كەتسە ئىچ ئاغرىتىپ ئالاھىدە پەرقلىق ھالدا پەپىشلەپمۇ كەتمەسلىكى لازىم.
6. بالا يېڭىدىن مېڭىشقا تەمشىلۋاتقان مەزگىلدە ئانا سۈتىدىن ئايرىشقا بولمايدۇ، ئەگەر مەجبۇرى ئايرىۋەتسە ئايىغى چىقىشى كېچىكىپ كېتىدۇ.
7. ئىچى سۈرىۋاتقان، قىزىتىۋاتقان، چىش چىقىۋاتقان بالىنى ئانا سۈتىدىن ۋاقتىنچە ئايرىماي تۇرۇش كېرەك. ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ياكى سالامەتلىكى تولۇق ئەسلىگە كەلگەندە ئاندىن ئايرىسا بولىدۇ.
8. بالىسىنى سۈتتىن ئايرىغان ئاياللار ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىمۇ ئاسرىشى كېرەك. كۆكسى چىڭقىلىپ كەتسە سۈتنى سېغىپ چىقارماسلىق(سېغىۋەتسە بالا ئىمىتكەن بۇرۇنقى ھالىتىگە ئوخشاشلا ئورنىغا يەنە سۈت پەيدا بولىۋالىدۇ)، قىزىپ كەتتى دەپلا كۆكسىگە سوغۇق سۇ سېپىپ ياشارتىۋەتمەسلىك، سۈت كۆپەيتىدىغان كۈچلۈك يىمەكلىكلەرنى ۋاختىنچە يىمەسلىك، سۈيۈق تاماقلارنى كۆپ ئىچمەسلىك، قەۋزىيەت بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مىۋە - كۆكتاتلارنى يەپ بېرىش، سۈتنىڭ تىزراق تارقىلىشى ئۈچۈن ھەر ۋاخلىق تامىقىغا قارامۇچ سېپىپ يىيىش، بالىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ قايتا ئىمىتىۋەتمەسلىك لازىم.
9. بالىسىنى سۈتتىن ئايرىغان ئاياللار سۈت تارقىتىدىغان دورا ئىچكەندە دورىنىڭ سۈپىتىگە ۋە زىيانسىزلىقىغا قاراپ تاللاپ ئېلىشى، خىمىيىۋى تەركىبى يۇقۇرى دورا ئىچمەسلىكى كېرەك، ئۇنداق قىلغاندا ئۆزىنى زەھەرلىگەندىن باشقا كېيىنكى قېتىملىق ھامىلدار بولۇشقا ۋە كېيىنكى بالىسىغا سۈت پەيدا بولۇشقا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا مۇمكىن قەدەر دورا ئىچمەي يەرلىك ئۇسۇلدا سۈت قايتۇرۇش، كۆكسىنى ئۇچىدىن باشلاپ ئۈستىگە قارىتىپ بەدەن تەرەپكە سېرىپ بېرىش، سۈت تۇرىۋېلىپ ئاغرىپ كەتسە يەڭگىل ئۇۋۇلاپ بېرىش، لوڭگىنى بەك قىزىتىۋەتمەستىن ئىلمان سۇغا چىلاپ سىقىۋېتىپ كۆڭسىگە قويۇپ نۇرمال ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا كېيىنكى سۈت بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر