
كۈنگە قاقلاش-راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئاددىي، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بالا بىر ئايلىق بولغاندىن كېيىن، ھەركۈنى مەلۇم ۋاقىت ئاجرىتىپ، بالىنى سىرىتتا ئاپتاپقا قاقلاش كېرەك. بوۋاقنى كۈنگە قاقلىغاندا، كۈن نۇرى ئىمكانقەدەر ئۇنىڭ بېشى، قولى، پۇتى، كاسىسى قاتارلىق جايلارنىڭ تېرىسىگە چۈشۈرۈلۈشى لازىم. يازدا كۈن نۇرى كۈچۈلك بولغاندا، سەھەر ياكى كەچقۇرۇندا ياكى دەرەخ سايىسىدا كۈن نۇرىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بولىدىغان يەرلەردە كۈنگە قاقلاش لازىم. قىشتا قىشتا كۈنگە قاقلىغاندا سوغۇق تېگىپ قېلىشتىن ساقلاش ساقلىنىش، ئىللىق شامال، كۈن نۇرى ئۆتكۈر ھاۋا رايى شارائىتىنى تاللاش، ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 10 دىن كېيىن قاقلاش، شۇنداقلا كىيىمنى ئوبدان كىيدۈرۈش، يۈز ۋە قولىنى چىقىرىپ قويۇش لازىم. قىش پەسلىدە ئىشىك-دېرىزىنى ئېچىۋىتىپ، ئۆي ئىچىدە كۈنگە قاقلاشقىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئەينەك ئىچىدە تۇرغۇزۇپ كۈنگە قاقلاشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. چۈنكى، ئەينەك ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى ئۆتكۈزمەي توسۇۋالىدۇ. كۈنگە قاقلاش ۋاقتى 5~10 مىنۇتتىن بارا-بارا ئۇزارتىلىپ، كۈنىگە بىر سائەت ئەتراپىدا يەتكۈزۈلسە بولىدۇ. مۇبادا بالا ئاغرىپ قېلىپ، كۈنگە قاقلاش ئۈزۈلۈپ قالغان بولسا، ساقايغاندىن كېيىن كۈنگە قاقلاشنى ئۇلاپ داۋاملاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.
-«بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بوۋاقلارنىڭ زاكىسى ۋە كىيىم-كېچىكىنى سوپۇن پاراشوكىدا يۇيۇشقا بولامدۇ؟
- كېيىنكىسى : ئىرسىيەت دېگەن نېمە؟
كاتتا خۇش خەۋەر-شىنجاڭنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشىغا نەزەر مەنبە: دۆڭكۆۋرىك خاتىرلىرى
ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﯓ ﻳﺎﺳﯩﻨﺠﺎﻥ ﺗﻮﺧﻨﯩﻴﺎﺯ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧ
ئەنگلىيەدە ئائىلە تەربىيەسى قانداق؟ ئەنگلىيەدە ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆپ قىسمى بالىلارنى ئەركىلىتىپ چوڭ قىلىش بالىلاردا مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى، بالىلارنى كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئېھ
قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ھەر ئايدىكى ئۆزگىرىشى | رەسىملىك ھامىلىنىڭ ھەر ئايدا قورساقتا تۇرغان ھالەتلىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەربىر ھامىلىدار ئانىنىڭ قىزىقىدىغان ئىشى. تۆۋەندە، ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى بىلەن بىرگە ھامىلىنىڭ ھە
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورساق قىچىشسا دىققەت قىلىش كېرەك ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساق قىچىشىشىنى كۆپ ھاللاردا ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 6-7 ئايلىق بولغاندا، بولغۇسى ئانا قۇرساق تېرىسىدا
