ئىرسىيەت دېگەن نېمە؟

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

خەلق ئارىسىدا « نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن» دېگەن ماقال - تەمسىل بار. بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىرسىيەت ھادىسىگە قارىتىلغان.
تۇرمۇشتا ھەر بىر ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ ئومۇمەن ئاتا - ئانىسىغا ئوخشىشىدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەنى ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلار ئوتتۇرىسىدىكى مەلۇم بىر خۇسۇسىيەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ ئىرسىيەت دېيىلىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئەجدادلار ئۆزدىكى خۇسۇسىيەتلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا قالدۇرىدۇ؟ تېببىي ئىلىمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئالىملار ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەردە مىكروسكوپ بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان خىروموسوما  دېگەن بىر خىل ئالاھىدە تۈزۈلۈشلۈك كىچىك تەنچىنى بايقىدى. خىروموسومىدا  تەرتىپلىك تىزىلغان نەچچە تۈمەن ئىرسىيەت ماددىسى بولۇپ، بۇ گېن دەپ ئاتىلىدۇ. ئىرسىيەت سىگناللىرى گېنىغا تايىنىپ يەتكۈزۈلىدۇ.
مەيلى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر ياكى ئىنسانلار بولمىسۇن ئۇلارنىڭ ھۈجەيرىسىدىكى خىروموسوملارنىڭ سانى ۋە شەكلى ناھايىتى مۇقىم بولىدۇ.  مەسىلەن: يېشىل پاقىنىڭ ھۈجەيرىسىدە سەككىز دانە خىروموسوما بار. توشقاندا دانە 44 دانە خىروموسوما بار. شۇنىڭ ئۈچۈن خروموسومىنىڭ سانى ۋە شەكلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ھەربىر خىل تۈرنىنى پەرقلەندۈرىدىغان بەلگىدۇر.
ئىنسانلارنىڭ ھەربىر ھۈجەيرىسىدە 45 دانە خىروموسوما بار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە مور فولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يىگىرمە ئۈچ جۈپكە بۆلۈنىدۇ. بىردىن 22 جۈپكىچە بولغان خىروموسوما ئەر - ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەممىسىدە بولىدۇ. 23- جۈپ خىروموسوما ئەر - ئاياللىق جىنسىنى ئايرىيدىغان بولۇپ، جىنسىي خىروموسوما دېيىلىدۇ. ئاياللاردىكى مورفولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر جۈپ جىنسىي خىروموسوما X خىروموسوما دېيىلىدۇ. ئەرلەردىكى بىرجۈپ جىنسىي خىروسومىنڭ شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىرى  X خىروموسوما، يەنە بىرى Y خىروموسوما دېيىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلەر مۇشۇ 23  جۈپ خىروموسومنىڭ سىگنالنىڭ تارقىلىشى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.
ئادەمنى كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى پىشىپ - يېتىلىش جەريانىدا، ھەربىر ئۇرۇق ۋە تۇخۇمدىكى خىروموسومىلارنىڭ سانىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىدۇ. ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم قوشۇلۇپ يېڭى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل بولغاندا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى خروموسوملارنىڭ سانى يەنە ئەسلىگە كېلىدۇ. دېمەك پەرزەنتلەر خىروموسومنىڭ يېرىمى دادىسىدىن، يېرىمى ئانىسىدىن كېلىدۇ، ئاتا - ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئوخشاش بولۇشى ئىككى جىنسنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ئىرسىي قالدۇرغانلىقىدۇر، مانا بۇ ئىرسىيەت دېيىلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر