نېمە ئۈچۈن ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىت، مۈشۈك ۋە قۇشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك؟

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ھامىلىدار ئاياللار ياچاقسىمان تەنچە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۈشۈك، ئىت، قۇش قاتارلىق ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن ئاز ئۇچرىشىشى كېرەك. بۇ خىل كېسەللىك بوۋاقتا  تۇغما غەيرىيلىك ۋە ئەقلى كەمتۈكلۈكنى ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئاياللار يۇقىرىقى ئەرمەك ھايۋانلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.  ھامىلىدار ئاياللار ئەگەر ئۆيدە ئىت، مۈشۈك، قۇش باققان بولسا ئۇلار بىلەن ئايرىش ھەمدە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. ئەگەر ھامىلىدە ياچاقسىمان تەنچە كېسىلى بايقالسا دەرھال ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش لازىم.
پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەندىن كېيىن ئەر - خوتۇنلار ئۇزاق مۇددەتكىچە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق ئۇسۇللارنى تاللاش لازىم؟
پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەندىن كېيىن ئەر خوتۇنلىرى ئۇزاق ۋاقىتقىچە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش لازىم. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزاق بولغاندا 25 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ جەرياندا ھەم ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، ھەم تەن سالامەتلىككە، جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يەتمەيدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ ياخشىسى تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى تاللاپ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش لازىم:
1. بالىياتقۇ ئىچىگە تۇغۇت چەكلەش سايمىنى  سېلىش؛
2. يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك يېڭى توي قىلغان ئەر - خوتۇنلار تاللاپ ئىشلىتىدىغان ھەرخىل ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش؛
3. جىنسىي يولىدا توساق پەردە سېلىش؛
4. ئۇزاق مۇددەتلىك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچىش؛
5. بىخەتەر مەزگىلىدىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ( ھەيز مەزگىل يىغقان نىيەتلىك بولغانلار سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتسە بولىدۇ ،ئەگەر ئۈنۈملۈك بولمىسا ۋاقتىدا باشقا ئۇسۇلغا ئالماشتۇرۇش لازىم)
بالىياتقۇ ئىچىگە تۇغۇت چەكلەش سايمىنى قويغاندىن باشقا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ، يەنى بىر مەزگىل بىر خىل ئۇسۇلنى ئىشلەتسە، يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر خىل ئۇسۇلنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بىر جۈپ ئەر - خوتۇن بىرنەچچە خىل ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، جانلىق ئىشلەتسە ئۇزاق ۋاقىتقىچە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش مەقسىتىگە يېتىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر