ياش ئانىلار بوۋىقىنى ئېمىتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﻪﯓ. ﺑﻪﺯﻯ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺳﯜﺗﯜﻡ ﺋﺎﺯ، ﺑﻮﯞﯨﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺗﻮﻳﻤﺎﻱ، ﭼﻮﯕﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﻮﯞﯨﻘﯩﻨﻰ ﺳﯜﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﻩﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﺎﺗﺎ.  ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﻰ 4 ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ، ﺑﻮﯞﺍﻕ 1/2~1/3 ﺗﻮﻳﺴﯩﻼ، ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ.


ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﺶ ﮪﺎﺟﻪﺗﺴﯩﺰ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﭽﺎﻥ، ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮪﻪﺭ 2-4 ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺑﺎﻻ ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﻣﯧﻴﻰ. ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﯞﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯧﺘﯩﻖ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﻤﯩﺘﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﺍﺷﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯗﻛﺎﻣﺪﺍ، ﺋﺎﻧﺎ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻣﺎﺳﻜﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯧﻤﯩﺘﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺳﯜﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﮪﯧﭽﺒﯩﺮ ﮪﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯜﺕ ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺳﯜﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﻮﯞﯨﻘﯩﻐﺎ ﮪﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﺩﺍ ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺗﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺗﻰ، ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺳﯜﺕ ﺋﻪﻣﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺋﻪﻣﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ، ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻼ ﻗﻮﺭﺳﯘﻗﻰ ﻏﻮﻟﺪﯗﺭﻻﭖ، ﻏﻪﻟﯟﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﻪﻝ ﮪﻪﻳﺪﻩﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻤﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﮪﺎﯞﺍﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺳﯜﻣﯜﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺳﻪﻣﯩﯖﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ، ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺳﯜﺕ ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻤﯩﺘﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺳﯜﺗﻨﯩﯔ ﺳﻮﺳﻜﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻐﺎ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺳﻮﺳﻜﺎ ﺗﯚﺷﯜﻛﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺑﻪﻙ ﻛﯜﭼﻪﭖ، ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﮪﺎﯞﺍ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﯞﺍﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺳﯜﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ، ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﮪﻪﻡ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺑﻮﯞﺍﻕ ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺳﯜﺗﻜﻪ ﮪﻪﺳﻪﻝ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﭽﻜﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘﻣﯘ ﺧﺎﺗﺎ. ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﮪﻪﺳﻪﻝ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺑﺎﺭ.

ﻛﺎﻟﺘﺴﯩﻲ ﺳﯜﺕ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﺳﯜﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ، ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﭖ ﺳﯜﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩﻩﺳﺴﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭ ﯞﻩ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺧﺎﻟﯩﺪﻩ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر