تۇغۇتتىن كېيىنكى سېمىزلىكتىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

بوي-تۇرقى كېلىشكەن، زىلۋا، گۈزەل ئاياللارنىڭ بەزىسى تۇغۇتتىن كېيىن تەدرىجىي سەمرىپ، بۇرۇنقى زىلۋالىقى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بۇ ئاساسەن ھامىلىدارلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان تۆۋەندىكى سوقىچاق مېڭە خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ، بولۇپمۇ بەدىنىدە ماي ماددىسىنىڭ ئالمىشىش تەڭپۇڭلۇقنىڭ قالايمىقانلىشنىڭ نەتىجىسىدۇر.


ئۇنداقتا تۇغۇتتىن كېيىنكى سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
1. تۇغۇتتىن كېيىن بالدۇرراق ھەرىكەت قىلىش. تۇغۇتتىن كېيىن سالامەتلىكى ياخشى، جىنسىي ئەزا ئەتراپى زەخىملەنگەن بولسا، 24 سائەتتىن كېيىن كارىۋاتتىن چۈشۈپ ھەرىكەتلەنسە، يېرىم ئايدىن كېيىن يېنىك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلسا بولۇۋېرىدۇ. بالدۇرراق ھەرىكەت قىلغاندا، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى كۈچىيىپ، ماددا ئالمىشىشنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ياخشىلىنىدۇ. نەتىجىدە، بەدەندىكى ئارتۇقچە ماي ۋە قەنت ماددىسى سەرپ بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش. تۇغۇتتىن كېيىن زىيادە مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك. ئادەتتە ئورۇقراق گۆش، ماش پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر، بېلىق، تۇخۇم، كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، بەدەنگە زۆرۈر بولغان ئاقسىل، مىنېرال ماددا، ۋىتامىنلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش لازىم.
ئۇنىڭدىن باشقا قەنت، شېكەر ۋە باشقا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا چەكلەش لازىم.
3. بالىنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش. مۇنداق بولغاندا ئانا بەدىنىدە ماددا ئالمىشىش ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سېمىزلىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
4. تۇغۇتتىن كېيىن گىمناستىكا ئويناش. تۇغۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن كارىۋات ئۈستىدە ئوڭدىسىغا يېتىپ-قوپۇش، قورساق ۋە بەل مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇش، يېتىپ تۇرۇپ ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ چۈشۈش ئارقىلىق باش، مۈرە، كۆكرەككە يېنىك تەسىر كۆرسىتىدىغان گىمناستىكا ھەرىكەتلىرىنى ئوينىسا بولىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەتلەر قورساق، بەل، ساغرا قىسمىدىكى مايلارنى ئازايتىشقا ئۈنۈملۈك تەسىر قىلىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر