0-1 ئايلىق بولغان بوۋاقلار پەرۋىشى

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

بىرىنچى، بېقىش
ئىمكانقەدەر بالدۇر ئېمىتىش: بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئىمكانقەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئانا سۈتىدە ئېمىتىش كېرەك. دەسلەپكى سېرىق سۇيۇق سۇيۇقلۇق ئوغۇز سۈتى دېيىلىدۇ. ئوغۇز سۈتى بوۋاق ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىممونىتېتتۇر، شۇڭا ئوغۇز سۈتىگە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.
قۇسۇش: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ھەزىم يولى تېخى تولۇق يىتىلمىگەن بولغاچقا، ئاسانلا سۈتنى قۇسۇۋېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئىمىتىپ بولغاندىن كېيىن، بوۋاقنى تىك تۇتۇپ، گەۋدىسى (ئېغىزمان) گە يىنىك ئۇرۇپ بەرگەندە، بوۋاقنىڭ كىكىرىشىگە ياردەم بېرىپ، قورساقتىكى ھاۋانىڭ سىقىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، پەرۋىش
كىندىك پەرۋىشى: ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەر كۈنى كىندىك پەرۋىشى ئېلىپ بېرىشىڭىز، كىندىك ئۇچىنىڭ (كېسىلگەندىن كېيىن قېلىپ قالغان قىسمى) قورغاق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشلىڭىز، ھەر كۈنى ئىسپىرت، يود تىنكتورىيىسى ئارقىلىق دېزىنفىكسىيەلەش كېرەك. بالىنى يۇغاندا كىندىكىنى ھۆل قىلىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
تېمپىراتۇرا: بوۋاقنىڭ تېمپىراتورىنى تەڭشىگۈچى نېرۋا مەركىزى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئاسانلا قېتىشما ئىششىق كېسىلى (硬肿症) ۋە سۇزسىزلىنىپ قىزىش (脱水热) كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىغا زىيادە كۆپ ياكى زىيادە ئاز كىيىم كىيگۈزمەسلىكى، مۇھىت تېمپىراتۇرىسىنى مۇۋاپىق ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. قىش پەسلىدە مۇۋاپىق تېمپىراتۇرا 24-28 سىلسىيە گرادۇس، ياز پەسلىدە مۇۋاپىق تېمپىراتۇرا 26-30 سىلسىيە گرادۇس، نەملىك %45-%50 ئەتراپىدا ساقلانسا بىر قەدەر مۇۋاپىق.2
ئۈچىنچى، كېسەللىك
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئال كېسىلى (سېرىق چۈشۈش كېسىلى): بەزى بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 2-3 كۈندىن كېيىن ئال كېسىلى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئال كېسىلى توغىرىسىدىكى بىلىملەرنى كۆپرەك ئۆگىنىشى، ئازراق ئۆزگىرىش بولا بولمايلا بوۋاقنى داۋالاش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك.
تۆتىنچى، فىزىئولوگىيەلىك ھادىسىلەر5
تۇنجى قېتىملىق تەرەت چىقىرىش: بوۋاق تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە تۇنجى قېتىملىق تەرىتىنى چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇنداق بولمىسا، دوختۇرنى چاقىرىپ ئۈچەي يولىدا غەيرىيلىك بارمۇ يوق تەكشۈرۈتۈش كېرەك.
كىچىك تەرەت: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ دوۋسىقى سۈيدۈك تۇتالمايدۇ. شۇڭا سىيىش قېتىم سانى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بىر كۈندە 20 قېتىمغىمۇ بارىدۇ. ھەتتا سىز ئەمدىلا سۈيدۈك لاتىسىنى ئالماشتۇرۇشىڭىزغىلا يەنە سىيىپ قويۇشى مۇمكىن. سىز ھەرگىزمۇ بالىغا ئاز سۇ بېرىش ئارقىلىق سۈيدۈكنى كونترول قىلىش خىيالىدا بولماسلىقىڭىز كېرەك.
چوڭ تەرەت: نورمال بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتى ئالتۇن رەڭدە بولۇپ، سۈت بەرگىسى (奶瓣) ياكى ئالاھىدە پۇراق بولمايدۇ. ئانا سۈتىدە بېقىلغاندا تەرەت قېتىم سانى سەل كۆپ بولۇپ، بىر كۈندە 4-5 قېتىمغا بارىدۇ. ئەگەر سۈنئىي بېقىلغان (سۈت ۋە باشقا پاراشۇكتا بېقىلغاندا) تەرەت قېتىم سانى سەل ئازراق بولۇپ، كۈنىگە 2-3 قېتىم بولىدۇ.
ئۇخلاش: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئەمدىلا ئانا تېنىدى ئايرىلغاندىن كېيىن، كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆسۈپ يىتىلىدۇ. ئۇخلاش بولسا بوۋاقنىڭ "خىزمەت" ۋاقتى بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۇزاق ئۇخلايدۇ. بىر كۈندە تەخمىنەن 20 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدۇ. ئەمما ئۇخلاش ۋاقتى يەنىلا بوۋاقنىڭ ئۆزىگە باغلىق. بەزى بوۋاقلار ئىزچىل روھلۇق ھالەتتە بولۇپ، ئاز ئۇخلىسىمۇ ھېچقىسى يوق.
قىزىل داغ: بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تېرىسىدە قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ، يەنى دائىم ئېيتىلىدىغان "ھامىلە زەھىرى" كۆرۈلىدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچى بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمەسلىكى، بۇنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشى ھاجەتسىز. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.,
بەشىنچى، ۋاكسىنا ئەملەش.
بوۋاق تۇغۇلغان ھامانلا دوختۇرلار بوۋاققا ئىككى قېتىم ۋاكسىنا سالىدىغان بولۇپ، بىرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى، يەنە بىرى كالمېت-گۋېرىن ۋاكسىنىسىدۇر. ھازىر بەزى دوختۇرخانىلاردا كالمېت-گۋېرىن ۋاكسىنىسى سېلىنمايدۇ، شۇڭا ئانىلار كېيىن ۋاقتىدا بوۋاققا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.
بوۋاقنىڭ بىر ئايلىق بولغانلىقىنى تەبرىكلەشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:
بوۋاق بىر ئايلىق بولغاندا خاتىرە رەسىمى تارتقاندا، چاقماق چىراقنى چاقماسلىق، بوۋاقنىڭ كۆزىگە زىيان سېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
بوۋاقنىڭ بىر ئايلىق خاتىرە كۈنىگە نۇرغۇن ئۇرۇق-تۇققانلارنى تەكلىپ قىلماڭ. بىرىنچىدىن، ئادەم كۆپ بولغاندا ئاسانلا كېسەللىك كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؛ ئىككىنچىدىن، ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلار ئانا-بالىنىڭ نورمال ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، بۇ بوۋاقنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىزدۇر.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر