ھامىلدار ئاياللارغا ئىككى كەلىمە سۆز

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ساغلام بولۇش پەقەت كېسەل بولغاندىن كېيىن داۋالىنىشلا بولماستىن، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ھەتتا تۆرۈلىشتىن بۇرۇنلا باشلانغان بولىدۇ.  ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنىڭ ۋە قورساقتىكى بالىنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئويلىسا نۇرغۇن جەھەتلەردىن دىققەت قىلىشى كېرەك.
ياخشى تاماقلارنى يىيىش بىلەنلا مۇۋاپىق ئوزۇقلاندىم دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ھازىرقى يىمەكلىكلىرىمىزدىكى خىمىيىلىك تەركىپلەر ۋە دېھقانچىلىق دارىلىرىنىڭ تەسىرىدە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبلىك بىر قىسىم بوۋاقلار قورساقتىكى چېغىدىلا نۇرمال يىتىلمەيدىغان، نۇرمال تەرەققىي قالمايدىغان، ياكى قورساقتا ئۆلۈپ قالىدىغان ئىشلار كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشنىڭ يەنە باشقا سەۋەبلىرى شۇكى؛ ئانىنىڭ تېنى ئاجىز بولۇش، تۇرمۇش ئادىتى رەتسىز بولۇش، سالامەتلىكى ناچار تۇرۇپلا توي قىلىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈمەستىنلا ھامىلدار بولۇش، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كەيپىياتى ياخشى بولماسلىق، يېمەك - ئىچمەك ئادىتىدىمۇ قالايمىقان بولۇش، سېزىكتىن ۋاقتىدا چىقالماسلىق، جىددىيلىشىش، ئورۇنسىز ئەنسىرەش، بەدىنىدە يۈز برىۋاتقان ئۆزگۈرۈشلەرگە ۋە سىگناللارغا سەل قاراش، قىسقىسى بالىلىق بولۇشقا تەييارلىقى پۇختا بولماسلىق ھەمدە ساغلاملىق سەۋىيىسى يىتەرسىز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ.
ھامىلدار ئاياللار زادى نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
1. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ توي ئىشىنى ئويلاشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەپسىلى تەكشۈرتۈشى، ئەگەر كېسىلى بولسا داۋالىتىشى، بەدىنى ئاجىز بولسا  قۈۋەتلەندۈرۈشى،
مەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن تۇرمۇشقا چىققاندىن كېيىن قانداق ياشاش توغرىسىدا تەربىيە ۋە نەسىھەتلىرىنى ئايىماسلىقى،تولۇق تەييارلىنىپ بولۇپ ئاندىن تويىنى قىلىشى كېرەك.
2. ياش ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى يىتەرلىك بولمايدۇ، شۇڭا چوڭلار نىڭ مەسلەھەتىنى ئېلىپ تۇرۇشى، توغرا نەسىھەتلىرىنى رەت قىلماسلىقى، ئەر - ئايال ئىككىلىسى ئۆزىنى ئاسرىشى، بىر - بىرىگە كۆيۈنىشى، خۇشال ياشىشى، تۇرمۇش بىلىملىرىنى تېرىشىپ ئۈگىنىشى، كەلەۈسى ئۈچۈن نىشان بەلگىلىشى، پەرزەنتلىك بولۇشتىكى مەقسىدى ئېنىق بولۇشى، پەرزەنت ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە ئىگە بولۇشى لازىم.


3
. ھامىلدار ئايال ئۆزىنىڭ مىجەز - خارەكتىرىنى ياخشىلىشى، غەمكىن يۈرمەسلىكى، مۇۋاپىق ئارام ئېلىشى، چارچاشتىن ساقلىنىشى، ۋاقتىدا ئۇخلىشى، ئۆيگە بىكىنىۋالماسلىقى، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەپ تۇرۇشى، مۇزىكا ئاڭلاپ بېرىشى، كەڭ - قۇرساق ئەپۇچان بولۇشى، ئەر - ئايال بىر بىرىگە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشى، كۆپ يىغلىماسلىقى، كەيپىياتىنى تۇراقلىق ساقلىشى كېرەك.
4. ھامىلدار ئايال مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، دەسلەپكى ئۈچ ئاي ئىچىدە تومۈر ماددىسى ۋە ۋىتامىنلار كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى جىقراق ئىستىمال قىلىشى، ئاقسىللىق يىمەكلىكلەرنى يەپ بېرىشى، غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىكى، ھامىلدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىيىشى، بالا تۇغۇلغىچە ھەتتا سۈتتىن ئايرىلغىچە خىمىيىلىك دورىلارنى ئىچمەسلىكى  كېرەك.
5. ياسالما ئوزۇقلۇق تولۇقلىماقچى بولغاندا ئوزۇقلۇقلارنى قالايمىقان ئىستىمال قىلماسلىق، ئوزۇقلۇقشۇناسلارنى كۆرسەتمىسىنى ئېلىپ باسقۇچ بويىچە تولۇقلىشى، نۇرمال ئىستىمال قىلىشى لازىم. مەسىلەن ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، ئوتتۇرا مەزگىلى ۋە ئاخىرقى ئۈچ ئاي ۋاقتىدا ئايرىم ئايرىم ئوزۇقلۇق تولۇقلىشى كېرەك.
6. قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، لازىر نۇرلۇق ئاپراتتا كۆپ تەكشۈرتمەسلىك، رادىئاتسىيىلىك مۇھىتتا كۆپ تۇرماسلىقى، بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىشى، كۈن نۇرىدىن پايدىلانغاندا ۋاقىتقا دىققەت قىلىشى (سائەت 10.00 دىن 11.00 گىچە ۋە چۈشتىن كېيىن كۈچلۈك ئاپتاپ بوشىغاندا ئاپتاپقا قاقلانسا بولىدۇ)، كومپىيوتىر ۋە تىلىۋېزۇر ئالدىدا جىق ئولتۇرماسلىقى، رادىئاتسىيىسى كۈچلۈك يانفۇنلاردا كۆپ سۆزلەشمەسلىكى لازىم.
7. يىشىللىققا قاراپ بېرىشى، ساپ ھاۋادىن ئەركىن نەپەسلىنىشى، توپا - چاڭ، بورانلىق كۈنلەردە سىرتقا چىقماسلىقى، ھاۋا ئۆزگۈرىشىگە ماسلىشىپ كىيىنىشى،
تۇيۇقسىز قورقۇپ كېتىشتىن ساقلىنىشى، مېڭىسى سىلكىنىپ كىتىشتىن ئېھتىيات قىلىشى، باش قىسمى بىر نەرسىگە ئۈسسۈپ سېلىشتىن ۋە يىقىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىشى، ئېغىر نەرسە كۆتۈرمەسلىكى، قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ سوزۇلماسلىقى، تىز يۈگۈرمەسلىكى، كەڭرى ئېرىقتىن ئاتلىماسلىقى، بەل تاسمىلىق كىيىم كىيمەسلىكى لازىم.
8. شەخسى تازىلىققا رۇئايە قىلىشى، پاكىز كىيىنىشى، ئىچ كىيىم كىرلىك قاتارلىقلارنى يۇغاندا مىكرۇپ يوقاتقۇچى زىيانسىز سۈيۈقلۈق بىلەن يۇيۇشى، تامچە قۇرۇت قاتارلىقلارنىڭ زىيىنىدىن، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشى  كېرەك.
9. ھامىلە 6-7 ئايلىق بولغاندا ئانىنىڭ كۆكسىگە سۈت كېلىشكە باشلايدۇ،
ئەگەر 8 ئاي بولغاندىمۇ كۆكسى بۇرۇنقىدىن ئۆزگەرمىسە ياكى سۈت كەلگەنلىك ئالامىتى بولمىسا، بېشى قېيىپ ماغدۇرسىزلانسا، قان ئازلىقنىڭ ئالامىتى كۆرۈلسە دوختۇرغا كۆرۈنۈش، قان بېسىم چۈشۈپ ياكى ئۆرلەپ كېتىشتىن ساقلىنىش، داۋاملىق يېتىۋالماسلىق،  مۇۋاپىق ھەركەت قىلىپ بېرىش، بۇ مەزگىلدە قۈۋەت ئوزۇقىنى كۈچەيتىش لازىم.
10. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئوغۇز سۈتىگە قاندۇرۇش (بۇ بەك مۇھىم)، تۇغۇت ئىچىدە ئالدىراپلا كۈچلۈك ياكى  ئىسسىقلىق تاماقلانماسلىق، سۈيۈق - سەلەڭ يىنىك تاماقلىنىشتىن باشلاش، بارا - بارا ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماق يىيىش، مۇمكىن قەدەربوۋاقنى ئانا سۈتىدىن بالدۇر ئايرىۋەتمەسلىك، بالىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، ھەر خىل ۋاكسىنىلارنى ۋاقتىدا ئەملەش، بەك ئىسسىق ياكى بەك سالقىن باقماسلىق، مېڭىسىنىڭ نۇرمال ياكى بىنورمال ئىكەنلىكىنى ۋاقتىدا بىلىش(بوۋاقنىڭ 8 خىل سەۋەپتىن يىغلىغانلىقىنى)، بالا ئىمىتىش مەزگىلىدىمۇ داۋاملىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر