قايسى ئالامەتلەر كۆرۈلسە ھامىلىدارلىقنىڭ ئالامىتى؟

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار تۆۋەنكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك:

1. ھەيز  توختايدۇ ياكى مىقدارى ناھايىتى ئازىيىدۇ، ئادەتتە ھەيز دەۋرى قانۇنىيەتلىك بولۇپ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمىغان ئەھۋالدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، ھەيز ۋاقتى يەتتە كۈن ياكى يەتتە كۈندىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ياكى ھەيز دەۋرىگە كەلگەندە ئاز مىقداردا قان كەلسە، رەڭگى سۇس، ۋاقتى قىسقا بولسا، بۇ ھامىلىدار بولغانلىقنى كۆرسىتىدۇ.

2. كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرىدۇ. ئادەتتە ئەتىگىنى ئورۇندىن تۇرغاندا ياكى ئاچ قورساق ۋاقىتتا، بەزىلىرى ھەتتا كۈن بويى بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، ئىشتىھاسىزلىنىدۇ، تاماق تاللايدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ، شۆلگەي مىقدارى كۆپىيىدۇ. كۆپىنچىسى ھامىلىدار بولۇپ 6 - ھەپتىدىن باشلاپ روشەنلىشىدۇ، 12 ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملىشىپ يوقىلىدۇ.

3. تولا سىيىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە 12- ھەپتىسىگىچە كۆرۈلىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىمۇ بۇ خىل ئالامەت كۆرۈلىدۇ.

4. ئەمچەك يوغىنايدۇ. ئەمچەك ئېسىلىپ ئاغرىيدۇ. بۇ تۇنجى ھامىلىدار بولغان ئاياللاردا تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. ئەمچەك تۈگمىسى ۋە ئەتراپىنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىپ، تۈگۈنچەك پەيدا بولىدۇ.

5. ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ.


ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ( سېزىك ئالامەتلىرى) قانداق قىلىش كېرەك؟

ھامىلىدار بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ھامىلىدارلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمىدىن كۆپرەكىدە تاماق تاللاش، يەڭگىل دەرىجىدە  كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.  بۇ، سېزىك دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىلەر ھەر كۈنى تەكرار ھالدا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، بۇ ھال بولۇپمۇ تاماقتىن كېيىن ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

سېزىك نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، سېزىكى يەڭگىل بولغان ھامىلىدارلار جىددىيلىشىپ كەتمەسلىك، ئۇخلاش ۋاقتىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش لازىم.تاماقنى ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش، كۆڭۈل تارتقان يېمەكلىكلەرنى، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، تەركىبىدە ۋىتامىن كۆپ يېمەكلىكلەرنى يېيىش لازىم. ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرۇشتىن ئىلگىرى شوۋىگۈرۈچ، ئاشنىڭ سۈيى قاتارلىقلاردىن ئىچىپ ئازراق ياتقاندىن كېيىن، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇش لازىم. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ دورا يەپ بېرىشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن ۋىتامىن B6دىن 10 مىللىگىرام، ۋىتامىنB1 دىن 10 مىللىگىرام، ۋىتامىن Cدىن 100مىللىگرامنى ئۈچ ۋاق ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

سېزىكى ئېغىرراقلار يېتىپ ئارام ئېلىش،  12 - 24 سائەت تاماقتىن پەرھىز تۇتۇپ ئاندىن تاماق يەپ بېقىش، قۇسمىسا تاماق مىقدارىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش لازىم، زۆرۈر تېپىلغاندا ۋېنا تومۇرىدىن سۇيۇقلۇق بېرىشكە بولىدۇ.

كۆپ ساندىكى كىشىلەر يۇقىرىقى ئۇسۇللار بويىچە داۋالانسا ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەھۋالى ئېغىرلار چوقۇم بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر