ھامىلىدار ئاياللار سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە بولامدۇ؟

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ھامىلە سوغۇقىنىڭ غىدىقلىنىشىغا بەك سەزگۈر بولىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىكى ھەرىكىتى كۆپىيىپ كېتىدۇ. بۇ ھامىلىدارلاردىن «سوغۇق»تىن پەرھىز تۇتۇپ، ئۆزى ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان سالماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە ئاشقازان سوغۇق ۋە ئىسسىقىنىڭ غىدىقلىشىغا ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ.


مارۇژنا ياكى كولاغا ئوخشاش سوغۇق يېمەكلىكلەر بىلەن كۆپ ھەپىلەشكەندە، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى قان تومۇرلار يىگىلەپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى چېكىنىدۇ، ئۇزاق داۋام قىلسا ئاشقازان كېسىلى پەيدا بولىدۇ. مۇھىم نۇقتا شۇكى، ھامىلىدارلارنىڭ بۇرۇن، يۇتقۇنچاق ۋە كېكىردەكلىرىدىكى نەپەس يولى شىللىق پەردىسىگە قان تولۇۋالىدۇ ياكى سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، سوغۇق ئىچىملىك قان تولۇۋالغان تومۇرلارنى تېخىمۇ يىگىلىتىپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ناچارلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسى گال ۋە باش ئاغرىش، ھەتتا يۆتەل بولىدۇ، ئېغىرلاشسا يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملىنىدۇ، بادامسىمان بەز ياللۇغلىنىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر