بىلەمسىز؟ تۇغۇتتىن قورقۇش خەتەرلىك

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/31 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر 500 نەچچە مىڭ ھامىلدار ئايالنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: ‹‹ ئەگەر ئاياللاردا تۇغۇتتىن قورقۇش ھېسياتى پەيدا بولسا، تۇغۇتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن. بولۇپمۇ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇپ، يەنە تۇغما كەمتۈك بالا تۇغۇپ قويۇشمۇ ئاياللارنى بۇ خىل تەھدىتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىكەن».


مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ‹‹ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇغۇت ھەقىقىي بىر كۈچلۈك جىسمانىي ۋە روھىي جەڭ. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، %50-%80 كىچە ئايال تۇغۇتتىن كېيىن خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، دائىم تەشۋىشلىنىپ، ئىچى تىتىلداپ يىغلاپ يۈرىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسى ئاياللاردا تۇغۇتتىن قورقۇش تۇيغۇسى پەيدا بولسا، خامۇشلۇق كېسىلى تارىخى يوق ئاياللارنىڭمۇ تۇغۇتتىن كېيىن خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۈچ ھەسسە ئاشىدىغانلىقى دەلىللىدى، بۇ بايقاش بۇ خىل كېسەلگە دىياگنوز قويۇشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر