بوۋاقنىڭ ھۆل تەمرەتكە بولۇش خەۋپى ئانىنىڭ يېمەك - ئىچمىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئەنگلىيەدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئانا ئېغىرئاياغ مەزگىلىدە، ئەگەر تېنىدىكى بىر خىل ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ۋىتامىن B3 ھاسىلاتلىرىنىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولسا، تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يېشىغا يېتىشتىن بۇرۇن ھۆل تەمرەتكە بولۇش خەۋپى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن. نىكوتىنامىد ۋىتامىن B3 نىڭ بىر خىل ھاسىلاتى بولۇپ، ئادەتتىكى ئادەملەر ئۇنىڭغا بېلىق، توخۇ گۆشى، گۈمبەمەدەك، قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە قەھۋە قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىكەن. نىكوتىنامىد ۋە مۇناسىۋەتلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىنكاسى ۋە  ماددا ئالمىشىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئېغىرئاياغ مەزگىلىدە نىكوتىنامىد مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولسا، تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يېشىغا يەتكىچە بولغان مەزگىلدە، زىيادە سېزىمچان ھۆل تەمرەتكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى باشقا بوۋاقلاردىن %30 تۆۋەن بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئانا تېنىدىكى ترىپتوفاننىڭ ھاسىلاتى(مېتابولىتى) بولغان ئورتو ئامىنو بېنزوئات كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىمۇ بوۋاقنىڭ ھۆل تەمرەتكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ترىپتوفان تېرىنىڭ ئومۇمىي تۈزۈلۈشى، نەملىكى ۋە ئەۋرىشىملىكىنى ياخشىلايدىكەن، شۇڭا بۇ خىل ماددا ئېھتىمال ھۆل تەمرەتكە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كېسەل قوزغاش مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئىكەن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر