بۇۋاقلاردىكى قۇسۇش ۋە داۋالاش رېتسىپلىرى  

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بۇ بالىنىڭ سۈتنى كۆپ ئېمىشى ،ئېمىش ئارلىقىدا ئاۋا كىرىپ كېتىش،ھەزىم خىزمىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە ھەزىم خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشى،ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۇقۇملىنىشى،ھەر خىل زەھەرلىنىش،خىلىتلارنىڭ غەيرى ئۆزگىرىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بۇلىدىغان كېسەللىكىتن ئىبارەت.

داۋالاش رېتسىپلىرى:

1.ئاچچىق ئانارنىڭ سۈيى ئىچكۈزۈلسە بالىلاردىكى قۇسۇشقا مەنئەپەت قىلىدۇ.

2.بىر باش سامساقنى ئېزىپ ،سۇدا قاينىتىپ ،تىرىپىنى ئېلىۋېتىپ 100گىرام ھەسەلنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ بىر نەچچە قېتىمغا بۈلۈپ ئىچكۈزۈلسە بالىلاردىكى قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3.يۈز گىرام گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ بەش گىرام خام زەنجىۋېل بىلەن قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئاندىن ئۈستىگە بەش تال يۇمغاقسۈتنى سېلىپ ،پىشقاندىن كىيىن 15گىرام ئاچچىقسۇ قۇيۇپ كۈندە بىر قۇشۇقتىن ئېستىمال قىلىدۇرۇلسا بالىلاردىكى قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

4.بىر دانە ياڭاقنى ئوتتا شاكىلى كۆيگىچە كۆيدۈرۈپ ،مېغىزىنى ئېلىپ ئېزىپ ئاندىن بەش گىرام زەنجىۋېلنى يۇيۇپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئارلاشتۇرۇپ ئىچكۈزۈلسە بالىلاردىكى قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

5.كاۋاۋېچىندىن ئۈچ گىرام ،كۆك ماشتىن 20گىرامنى سودا قاينىتىپ ئىچكۈزۈلسە بالىلاردىكى قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

6.يۈز گىرام پىننىنى قاينىتىپ ،500مىللىتىر قايناتما ئېلىنىپ بۇنىڭغا يەنە 500مىللىلىتىر ئاچچىق ئانار سۈيى قېتىپ ئىككى ھەسسە شېكەر بىلەن شەربەت قىلىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئېچكۈزۈلسە بالىلاردىكى قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

7.يۈز گىرام زەنجىۋېلنى سۇقۇپ تالقان قىلىپ 30گىرام ئۇن ۋە ئىككى دانە تۇخۇم ئېقى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ،ئاشقازان ساھەسىگە چېپىپ بەرسە بالىلاردىكى قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

پەرھىز ئاچچىق -چۈچۈك،تەستە ھەزىم بۇلىدىغان،غېدىقلىغۇچى،يەل پەيدا قىلىدىغان ،زىيادە سۇغۇق ياكى زىيادە ئېسسىق يېمەك-ئېچمەكلەردىن ئانا-بالا ھەر ئىككىسى پەرھىز تۇتىشى لازىم. بەك قۇۋۋەتلىك يەنى مايلىق تاماقلارنى بېرىشتىن،قۇسۇش ماددىلىرى بىلەن نەپەس يۇلىنىڭ تۇسۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش،قۇسۇقنىڭ قۇلاق يۇلىغا كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش،كۆپ ھەركەت قىلىش ۋە چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

ئەڭ ياخشىسى يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاق بەدەننىڭ ئۈستى قىسىمى بىلەن ئاستى قىسىمى 30گىرادۇس بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ ياتقۇزۇش ھەمدە ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ يېتىش كىرەك.قەرەللىك ۋاقتى-ۋاقتىدا ئۇزۇقلاندۇرۇش كىرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر