
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر كەڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دائىم يانفون ئىشلەتسە، ئۇنىڭ تۇغقان بالىسىدا كېيىن ئاچچىقى يامان بولۇپ قېلىش ياكى ھەددىدىن ئارتۇق كەپسىز بولۇپ قېلىش دېگەندەك مەسىلىلەر كۆرۈلىدىكەن.
تەتقىق قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئالىملىرى 1996- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە بولغان مەزگىللەردە، دانىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، ئىسپانىيە ۋە كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 83 مىڭ جۈپ ئانا-بالا ئۈستىدىكى ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى رەتلەپ تەھلىل قىلغان. مەزكۇر سانلىق مەلۇمات، ئانىنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يان تېلېفوندا سۆزلەشكەن قېتىم سانى ۋە ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى، ھەمدە بالىلارنىڭ بەش ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەرىكەت ئىپادىسى ئەھۋالى ۋە بالىلارنىڭ كەيپىيات ھالىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە شۇ خىل ئەھۋاللار بايقالغانكى، ئەگەر ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھەر كۈنى تۆت قېتىم تېلېفون ئىشلەتسە، ياكى يان تېلېفون ئارقىلىق بىر سائەتتىن ئارتۇق سۆزلەشسە، ئۇلارنىڭ تۇغقان بالىسىنىڭ بەش ياشتىن يەتتە ياشقا كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، بەك كەپسىز ۋە ئاچچىقى يامان بولۇپ قېلىش نىسبىتى %28تىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەزەلدىن يانفون ئىشلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا تۇغۇلغان بالىلاردا، ھەرىكەت ۋە كەيپىياتتا مەسىلە كۆرۈلۈش خەتىرى بىرئاز ئاز بولىدىكەن.
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى روبىن خەنسىن دوكتور مۇنداق دەپ قارىغان: بۇ خىل ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشى يان تېلېفوندىن پەيدا بولغان ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. گەرچە نۇرغۇن تەتقىقاتتا، يانفوننىڭ رادىياتسىيەسى ئادەم بەدىنى ئۈچۈن بىخەتەر، دېيىلسىمۇ، ئۇ خىل تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرىنى دەلىللەشكە يېتەرلىك ئۇزۇن ۋاقىت بولمىغاچقا، يانفون رادىياتسىيەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلاملىققا بولغان خەۋپ-خەتىرىنىڭ بار-يوقلۇقى نۆۋەتتە يەنىلا نامەلۇم .
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىڭىز ۋە بالىڭىزنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن، چوڭلارنىڭ، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يان تېلېفوننى ئاز ئىشلىتىشىنى، پەقەت زۆرۈر تېپىلغاندىلا ئاندىن يان تېلېفون ئىشلىتىشىنى، سۆزلىشىش ۋاقتىنىڭ ئىمكانقەدەر قىسقا بولۇشىنى، سۆزلەشكەندە تۇرۇپكىسىز (يەنى، ئاۋازنى ئېچىۋېتىپ، تېلېفوندىن يىراقراق تۇرۇپ) سۆزلىشىش ئىقتىدارىدىن كۆپرەك پايدىلىنىپ تېلېفون ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﻐﺎ ﺋﯧﺮﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 9 ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ
- كېيىنكىسى : كىندىككە قاراپ قورساقتىكى بالىنىڭ قىز-ئوغۇللىقىنى پەملەش
كاتتا خۇش خەۋەر-شىنجاڭنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشىغا نەزەر مەنبە: دۆڭكۆۋرىك خاتىرلىرى
ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﯓ ﻳﺎﺳﯩﻨﺠﺎﻥ ﺗﻮﺧﻨﯩﻴﺎﺯ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧ
ئەنگلىيەدە ئائىلە تەربىيەسى قانداق؟ ئەنگلىيەدە ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆپ قىسمى بالىلارنى ئەركىلىتىپ چوڭ قىلىش بالىلاردا مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى، بالىلارنى كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئېھ
قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ھەر ئايدىكى ئۆزگىرىشى | رەسىملىك ھامىلىنىڭ ھەر ئايدا قورساقتا تۇرغان ھالەتلىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەربىر ھامىلىدار ئانىنىڭ قىزىقىدىغان ئىشى. تۆۋەندە، ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى بىلەن بىرگە ھامىلىنىڭ ھە
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورساق قىچىشسا دىققەت قىلىش كېرەك ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساق قىچىشىشىنى كۆپ ھاللاردا ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 6-7 ئايلىق بولغاندا، بولغۇسى ئانا قۇرساق تېرىسىدا
