كىندىككە قاراپ قورساقتىكى بالىنىڭ قىز-ئوغۇللىقىنى پەملەش

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

گەرچە ھازىرقى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار قورساقتىكى بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللىقى مۇھىم ئەمەس، سالامەت بولسىلا بولدى... دېگەن بىلەن، يەنىلا بوۋاقنىڭ جىنسىغا قىزىقىدۇ. ھامىلە جىنسىنىڭ ئىسپىرما بىلەن تۇخۇم بىرىككەن چاغدىلا بەلگىلىنىپ بولىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىمىز. پەن-تېخنىكىدا ھامىلىنىڭ قىز-ئوغۇللىقىنى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلاشقا بولمايدۇ، دوختۇرمۇ بالىنىڭ جىنسىنى دەپ بەرمەيدۇ.ئەمما، ئەل ئارىسىدا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ، بالىنىڭ قىز-ئوغۇللىقنى پەملەيدىغان ئىشلار بار. ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى يېقىندا ئاڭلىغان بىر گەپتە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ كىندىكىگە قاراپلا ھامىلىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللۇقىنى بىلگىلى بولىدىكەن، بۇ راستمىدۇ؟ كىندىكدىن قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟ بۇ ئۇسۇل توغرىمىدۇ؟



ئېيتىشلارغا قارىغاندا، خەلق ئارىسىدا ھامىلىدار ئايالنىڭ كىندىكىگە قاراپ ھامىلىنىڭ قىز-ئوغۇللىقىنى بىلىش ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر ھەقىقەتەن بار بولۇپ، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار بۇ تەجرىبىسىنى باشقىلارغا تەۋسىيە قىلغان. گەرچە ھامىلدارلارنىڭ كىندىكىدىن قىز-ئوغۇللىقىنى پەرەز قىلىشنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە توغرىلىقى بولسىمۇ، لېكىن ھەربىر ھامىلدارنىڭ بەدەن ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا كىندىككە قاراپ بىلىش ئۇسۇلىنى %100 توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
ئۇنداقتا، كىندىككە قاراپ ھامىلىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللىقىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟
ھامىلدارنىڭ كىندىكىدىن قىز-ئوغۇللىقىنى پەملەش ئۇسۇلى

كىندىكنىڭ شەكلىگە قاراش

ھامىلىدار كىندىكىدىن قىز-ئوغۇللىقنى پەملەشتىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرى كىندىكنىڭ شەكلىگە قاراش. ئېيتىشلاردا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كىندىك ئىچىگە ئويمان بولۇپ كىرگەن بولسا، ھامىلىنىڭ قىز بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئەكسچە كىندىك تېشىغا كۆپۈپ چىققان بولسا، ئوغۇل بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.

كىندىكنىڭ رەڭگىگە قاراش
ھامىلدارنىڭ كىندىكىنىڭ رەڭگىگە قاراپمۇ قىز-ئوغۇللىقنى بىلگىلى بولىدۇ. قورساقتا قالغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئاياللارنىڭ كىندىكىنىڭ رەڭگىدىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ، ئېيتىشلاردا، كىندىكنىڭ رەڭگى قارا رەڭدە بولسا ئوغۇل تۇغىدۇ، ئەكسچە رەڭگى ئۆزگەرمىسە ياكى سۇسلاشسا قىز تۇغۇشنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.


كىندىكتىكى سىزىقنىڭ توم ياكى ئىنچىكلىكىگە قاراش
ھامىلدارنىڭ كىندىكىدىن قىز-ئوغۇللىقنى بىلىشتە، كىندىكتىكى سىزىقنىڭ توم-ئىنچىكلىكىنى كۆزىتىپمۇ ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا، قانداق بىلەلەيمىز؟ ئېيتىشلاردا، كىندىكتىكى سىزىق ناھايىتى ئىنچىكە بولسا ئوغۇل تۇغۇشنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن، ئەگەر سىزىق توم بولسا قىز بولىدىكەن.

كىندىكتىكى سىزىقنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى

ھامىلدارنىڭ كىندىكىدىكى سىزىق ئۇزۇن بولسا كۆپىنچە ئوغۇل بولىدۇ، ئەكسچە قىسقا بولسا قىز تۇغۇشنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

تەجرىبىلىك پېشقەدەم ئانىلار ھامىلىدار ئايالنىڭ قورساق شەكلىدىنمۇ بالىنىڭ جىنسىنى بىلگىلى بولىدۇ، دېيىشىدۇ. تۆۋەندە، بۇ گەپلەرنىمۇ كۆرۈپ باقايلى!
ئوغۇل كۆتۈرگەن قورساق:
ئالامەتلەر بىرئاز كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، قورساق خۇددى پۈۋلەپ قويغان شاردەك بولىدۇ. ھامىلدارنىڭ داس سۆڭىكىدە يېتەرلىك كۈچ بار، بېلى تىك بولىدۇ.

قىز كۆتۈرگەن قورساق:
قورساق ئۇزۇن يوغان كەلگەن شەكىلدە بولىدۇ. ئاستى بىلەن ئۈستى تەڭ بولمايدۇ، قورساقنىڭ كەڭلىكى بەلنىڭ شەكلىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. داس سۆڭىكى كۈچسىز بولىدۇ، بەلنىڭ شەكلى ئەگرى بولىدۇ، قورساق تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، بەل گۆشلۈك قېلىن بولىدۇ (ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بېلى كەڭ ئېيىقتەك بولسا كۆپىنچە ئەھۋالدا قىز تۇغىدۇ).
يەنە كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللاردىن ھامىلدارنىڭ بەل ۋە قورساق قىسمى يۇمشاق بولىدۇ.

يۇقىرىقىلار ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى رەتلەپ چىققان خەلق ئارىسىدىكى ھامىلدارنىڭ كىندىكى ۋە قورساق شەكلىدىن قىز ياكى ئوغۇللىقىنى بىلىشكە ئالاقىدار تەجرىبە يەكۈنلەر بولۇپ، گەرچە نۇرغۇن ئانىلار بۇ ئۇسۇللاردىن ھامىلىنىڭ جىنسىنى توغرا پەملىيەلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەربىر ھامىلدارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئوخشىماسلىق تۈپەيلى مۇتلەق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇ ئۇسۇللار پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئىسپاتلانمىغان، شۇڭا ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدە پايدىلانسا، سىناپ كۆرسە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بالا قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ئوخشاش، سالامەتلىكى ھەممىدىن ئەۋزەل، بەك كىرىشىۋالمىغان ياخشى.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر