8 خىل ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يېيىشكە بولمايدۇ

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: سۇمرۇغ تورى | ۋاقتى: 2011/09/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى تەييار دورا بولۇپ، ئادەتتە ھەر قانداق دورىخانىلارنىڭ ھەممىسىدە سېتىلىدۇ. ئەمما ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئەكس تەسىرى ۋە مەنئىي قىلىنغان ئىشلارغا ئاسان ھۆكۈم قىلالمايدۇ.
شۇڭا، كۆپچىلىككە ئەسكەرتىدىغىنىمىز، تۆۋەندىكى 8 خىل ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ.


1. ئېغىر كېسەل بولغانلار
ھورمۇن خاراكتېرلىك دورىلار جىگەردە ئالمىشىپ، بۆرەكتىن چىقىرىپ تاشلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل دورىلارنى ئىشلەتكەندە بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا جىگەر ياللۇغى ياكى بۆرەك ياللۇغى بولغۇچىلار بۇ خىل دورىلارنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.


2. قان كېسەللىكى ۋە ئىچكى ئاجىراتما كېسەللىكى بىمارلىرى
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى قاننىڭ قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىش خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ-دە، قان شېكىرى يۇقىرىلاپ، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ھەر خىل قان كېسەللىكى، ئىچكى ئاجىراتما كېسەللىكى مەسىلەن دىئابېت كېسىلى، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىق كېسەللىك بىمارلىرى بىردەك بۇ خىل دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.


3. گىنېكولوگىيىلىك ئۆسمە بىمارلىرى

 گىنېكولوگىيىلىك ئۆسمە، ئەمچەك كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ھورمۇنغا تايىنىدىغان كېسەللەردۇر. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار تەركىبىدە ئانىلىق ھورمۇن بولغان دورىلارنى يېگەندە ئۇلارنىڭ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا قەتئىي يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر