قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ھەر ئايدىكى ئۆزگىرىشى | رەسىملىك

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ھامىلىنىڭ ھەر ئايدا قورساقتا تۇرغان ھالەتلىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەربىر ھامىلىدار ئانىنىڭ قىزىقىدىغان ئىشى. تۆۋەندە، ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى بىلەن بىرگە ھامىلىنىڭ ھەر ئايدىكى يېتىلىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى!


بىرىنچى ئاي:
ھامىلە 5 مىللىمېتىر چوڭلۇقتا بولۇپ، قورساقتا قالغان بىرىنچى ئايدا ئانا ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلار بار. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ ھەمدە يېتىلىشنىڭ مۇھىم  ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئانىلار دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق كېرەك.

ئىككىنچى ئاي:
بۇ ۋاقىتتا ھامىلە تەخمىنەن 3 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئېغىرلىقى ئاران 2 گىرام كېلىدۇ. ئانا بولغۇچىدا دائىم ماغدۇرسىزلىق، ئۇيقۇسى كېلىپلا تۇرۇش، ياندۇرۇش قاتارلىق ھامىلدارلاردا بولىدىغان ئىنكاسلار باشلايدۇ، مىجەزىدىمۇ ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، جىلىخور، ئاسان ئاچچىقلايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ چاغدا دادا بولغۇچى كەڭ قورساق بولۇپ، ئايالىنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا كۆپ تەسەللىي بېرىشى، غەمخورلۇق قىلىشى كېرەك.

ئۈچىنچى ئاي:
بۇ ۋاقىتتا ھەقىقىي ئىسمى جىسمىغا لايىق ھامىلە دەپ ئاتىلىدۇ، بەدىنىنىڭ چوڭلۇقى 9 سانتىمېتىر چوڭلۇقتا بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 20 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ چاغدا ھامىلىنىڭ پۇت قوللىرى يېتىلىپ شەكىلگە كىرىشكە باشلايدۇ، بەدەن ئەزالىرىمۇ ئاستا-ئاستا چوڭلايدۇ. بۇ ئايدا ئانىنىڭ ھامىلدارلىق ئالامەتلىرى بىرقەدەر ئېغىر بولىدۇ، دەم ئېلىشقا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى ئاي:
بۇ ۋاقىتتا ھامىلە چوڭىيىپ 16 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 120 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. بوۋاقنىڭ يۈزلىرىگە تۆرەلمە تۈكلىرى چىقىشقا باشلايدۇ ۋە كىچىككىنە پۇت-قوللىرى ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ، مۇشۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللىقىنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. ئانىنىڭمۇ قورسىقى ئازراق يوغىنايدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ ئېنىرگىيە ۋە ئوزۇقلۇققا بولغان تەلىپى يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ، شۇڭا تاماق تاللىماي قۇۋۋەتلىك، ياخشى ئوزۇقلىنىپ بالىنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇش كېرەك. 

بەشىنچى ئاي:
بۇ ۋاقىتتا ئانا قورساقتىكى بالىنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقىنىنى ھېس قىلالايدۇ، بوۋاقنىڭ قاشلىرى، چېچى، تىرناقلىرى ئۆسۈشكە باشلايدۇ. چوڭلۇقى تەخمىنەن 25سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 300گرام ئەتراپىدا بولىدۇ. ئانىنىڭ ھامىلدارلىق ئالامەتلىرى يوقايدۇ، ئىشتىھاسىمۇ ياخشىلىنىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ يېتىلىش ۋاقتى تۇراقلىق بولىدۇ، لېكىن ئانا يەنىلا دىققەت قىلىشى، ھەرگىز كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى لازىم، كەيپىياتنى كۆتۈرەڭگۈ تۇتۇپ، كۈندە بالىنىڭ نەچچە قېتىم مىدىرلىغىنىنى ساناپ تۇرۇش لازىم.

ئالتىنچى ئاي:
بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ چوڭلۇقى تەخمىنەن 30سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 600~700 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. بالىنىڭ بەش ئەزاسى تولۇق يېتىلىپ بولىدۇ ھەمدە ئانىنىڭ ئاۋازىنى ۋە يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلىيالايدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئانا لىرىك مۇزىكىلارنى بالا بىلەن تەڭ ئاڭلاپ بەرسە بولىدۇ. ئانىنىڭ بەدىنى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېلەڭسىز بولۇپ، دائىم بەل ۋە دۈمبىلىرى تېلىپ ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يەنىلا دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، تەركىبىدە كالتسىي يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىش كېرەك.

يەتتىنچى ئاي:
بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ چوڭلۇقى تەخمىنەن 35 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى  1000 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ئايدا بالىنىڭ تېرىسى قېرى بوۋايلاردەك قورۇلغان ھالەتتە بولىدۇ. چوڭ مېڭىسى تولۇق يېتىلىپ بولغان بولۇپ، قورساق ئىچىدىكى ھەرىكەت قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، ئانىنىڭ قورسىقىمۇ يوغانلاپ، ھەرىكەت قىلىش تەس بولىدۇ. بىر قىسىم ئانىلاردا پۇتلىرى ئىششىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا دادا بولغۇچى كۈندە ئۇۋۋۇلاپ ئىششىقنى پەسەيتىش كېرەك.

سەككىزىنچى ئاي:
بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ چوڭلۇقى تەخمىنەن 40 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 1700 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. مۇسكۇللىرى ۋە نېرۋىلىرى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، يۈرەك ۋە ئاڭلاش ئەزالىرى پۈتۈنلەي يېتىلىپ بولىدۇ. بۇ چاغدا ھامىلىنىڭ ئورنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدۇ، كۆپ قىسىم ھامىلە ئورنىنىڭ ھەممىسى باش تەرەپ پەسكە قارالغان بولىدۇ. قورساقنىڭ چوڭىيىشى بىلەن ئاشقازان بېسىمگە ئۇچراپ تاماق يېيىش تەسلىشىدۇ، بالىنىڭ ئوزۇقلۇق قۇبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئانىلار تاماقنى ئاز يەپ قېتىم سانىنى كۆپەيتسە بولىدۇ. ئانىنىڭ بەدىنى تېخىمۇ كېلەڭسىز بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشتا تېخىمۇ قىينىلىدۇ، شۇڭا سىرتقى پائالىيەتلەردە چوقۇم ئائىلىدىكىلىرى ھەمراھ بولۇش لازىم، ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ بالدۇر تۇغۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

توققۇزىنچى ئاي:
بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ چوڭلۇقى تەخمىنەن 45سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 2500گرام ئەتراپىدا بولۇپ، بالا پۈتۈنلەي تولۇق يېتىلىپ بولغان بولىدۇ، بەدەنلىرىگە گۆش ئۆسۈشكە باشلايدۇ، مەڭزىمۇ قىزىرىشقا باشلايدۇ. بالىنىڭ بېشى داس سۆڭەككە كىرىشكە باشلاپ، ئاشقازانغا بولغان بېسىم يوقايدۇ، لېكىن دوۋساق يەنە بېسىمگە ئۇچراشقا باشلاپ، كىچىك تەرەت تېخىمۇ كۆپەيگەندەك ھېس قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە بالىنىڭ مىدىرلاشلىرى ئاستا-ئاستا ئازىيىدۇ.

ئونىنچى ئاي:
بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ چوڭلۇقى تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 3000 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. بالىنىڭ بەدەن ئەزالىرى پۈتۈنلەي پىشىپ يېتىلغان بولىدۇ، ھەرقاچان ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە ھازىرلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ تۇغۇت تەكشۈرۈشى ئەڭ كۆپ بولىدىغان ئاي بولۇپ، ھەپتىدە بىر قېتىمدىن تەكشۈرىدۇ، ئەگەر باش سۈيى يېرىلىپ ياكى قىزىللىق بايقالسا دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇشقا تەييارلىق قىلىش كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر