ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﯓ

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ﻳﺎﺳﯩﻨﺠﺎﻥ ﺗﻮﺧﻨﯩﻴﺎﺯ

ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %21 ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %48 ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %72 ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ، ﻛﯚﺯﻩﻳﻨﻪﻛﻨﯩﯔ ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺳﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﻯ: %90 ﻳﺎﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﯘﮪﯩﺖ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ. ﻳﺎﺷﻼﺭ، ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﯜﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﺎﺭﭼﯩﺘﯩﭗ، ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﺴﯩﻤﺎﻥ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺋﯧﻼﺳﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ، ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺗﻮﺭ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

 ﻳﺎﺷﻼﺭ، ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻛﯚﺭﯛﺵ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﻡ (ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ) ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ، ﻛﯚﺯﺩﻩ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﻤﻪﻱ، ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ – ﺩﻩ، ﻛﯚﺭﯛﺵ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

 ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﺎﻕ ﭼﯜﺷﯜﺵ، ﺗﯩﺮﺍﺧﻮﻣﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺳﻠﯘﻕ ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺴﯩﻤﺎﻥ ﺩﯗﻍ ﭼﯜﺷﯜﺵ، ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺗﻮﺭ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺗﻮﺭ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

 ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ:

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﻛﯚﺭﯛﺵ، ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭ ﺑﻪﻙ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻛﯚﺯﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺑﻪﺵ – ﺋﻮﻥ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ، ﻛﯚﺯ ﮔﯩﻤﻨﺎﺳﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﺧﻼﺵ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺩﺍﻻ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﺎﻟﺘﺴﯩﻲ، ﺳﯩﻨﻚ، ﺧﯩﺮﻭﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺗﻰ، ﺑﯧﻠﯩﻖ، ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺳﯧﺮﯨﻘﻰ، ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﺟﯩﮕﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭺ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﻛﯚﺯ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﯞﯗﻟﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﻛﯚﺯﻩﻳﻨﻪﻙ ﺗﺎﻗﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﺯﻩﻳﻨﻪﻙ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر