بالا ئېمىتىشتىكى 6 چوڭ گاڭگىراش

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ھاياتلىق گېزىتى | ۋاقتى: 2011/10/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: مەۋلان ئەبەيدۇللا | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

تۇنجى ئانا بولغان ئاياللار بالا ئېمىتكەندە دائىم ھەرخىل مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى بۇ ھەقتە كۆپ سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتمەكچى.


نېمىشقا بۇۋاقلارنى تۇنجى قېتىم  ئەمگىنى ئانا سۈتى بولۇشى كېرەك؟

بوۋاق تۇنجى قېتىم ئىچكىنى ئانا سۈتى بولغاندىلا ئۇ ئاندىن نورمال باكتېرىيە مۇھىتى بىلەن ئۇچرىشالايدۇ. ياخشى بولغان ئۈچەي  يولى باكتېرىيە توپى مۇھىتى قۇرۇش ئۈچۈن ساغلام ئاساس ۋە بوۋاقنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئېممۇنىتېت ئىقتىدارىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز كلىنىكىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى بايقىدۇقكى، بىرىنچى قېتىم ئانا سۈتى ئەمگەن بالىلارنى قايناقسۇ، شىكەر سۈيى، تەڭشەلگەن سۈت ئىچكەن بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا بۇندىن كېيىنكى ھۆل تەمرەتكە، زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن.


2. تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سۈت چىقىرىشىغا قانداق ياردەم قىلىنىدۇ؟
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئاياللار ئەمچىكىنى يىنىك ئۇۋلاش، سىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەمچەكنى غىدىقلاپ تۇرغاندا، تۇغۇتتىن كېيىن سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشقا قولايلىق بولىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن ئانا بالا ئىمكانقەدەر بالدۇر ئۇچرىشىشى كىرەك، بالا توغۇلۇپ 30 مىنۇتتىن كېيىنلا بوۋاققا ئانىنىڭ ھەر ئىككى ئەمچىكىنى 3-5 مىنۇتقىچە ئەمدۈرۈش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا تۇنجى سۈتنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشى ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ كىچىكلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.


 3.تۇنجى سۈت قارىماققا ناھايىتى سۇيۇق كۆرۈنىدۇ، بالا تويامدۇ-تويمامدۇ؟ سۈت پاراشۇكى قېتىش كېرەكمۇ؟
تۇغقاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە ئانا سۈتى سۇس سېرىق رەڭلىك بولۇپ ئوغۇز سۈتى دېيىلىدۇ. گەرچە سۇيۇق ھەم مىقدارى ئاز بولسىمۇ بوۋاقلار ئۈچۈن ئىتايىن قىممەتلىك. چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىدە ئاقسىل مىقدارى ئىنتايىن مول، يەنە ئىممۇنىتېتلىق ئاكتىپ ماددىلارمۇ كۆپ بولۇپ بوۋاقنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەردىن مۇداپىئەلىنىشى ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى ئانىلار بالىلارنىڭ تويماي قېلىشىدىن ئەنسىرىشى بىھاجەت. پەقەت چىداپ بالىغا ئەمچەكنى ئەمدۈرسىلا بالا تېخىمۇ كۆپ ئوغۇز سۈتكە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمچەك بېزى راۋانلاشقاندىن كېيىن سۈت مىقدارى تەبىئىي ھالدا كۆپىيىدۇ ۋە تەبىئىي ئاجرىلىپ چىقىدۇ. ئەگەر 2-3 كۈندىن كېيىن يەنىلا سۈت يېتىشمىسە ئېھتىياجغا ئاساسەن سۈت پاراشۇكى تولۇقلىسا بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر