قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى تاللاش ئىمكانى بارمۇ؟

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2011/10/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچماقچى بولغان پەرزەنت مەيلى ئوغۇل ۋەياكى قىز بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشلا ناھايىتى مۇھىم. بىزدە پەرزەنت ياراتقۇچىنىڭ بىزلەرگە بەرگەن سوۋغىسى، قىز بولسۇن، ئوغۇل بولسۇن، يەتتە ئەزايى ساغلام تۇغۇلسىلا بولدى، دەيدىغان قاراش بار. بۇ خىل قاراش ھەقىقەتەن توغرا. ئەمما تېببىي ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەردە بالىنىڭ جىنسىنى خالىغانچە تاللاش ئىمكانى بارمىدۇ؟ دەيدىغان بىر خىل ئۈمىد پەيدا بولدى.

بالىنىڭ جىنسىنى بەلگىلەيدىغىنى X تىپلىق ياكى Y تىپلىق ئىككى خىل ئۇرۇقتىن ئىبارەت. بۇ ئىككى تىپنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلار بار. تەركىبىدە X خروموسوم (染色体) بولغان ئۇرۇق بىرقەدەر چوڭ ھەم ئېغىر، ھەرىكەت ئىقتىدارى ئاجىز ھەمدە سۈرئىتى ئاستا، كىسلاتالىق مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان بولۇپ، ئۆمرى ئۇزۇن، بۇ خىل ئۇرۇقتىن تۆرەلگەن بالا قىز بولىدۇ. تەركىبىدە Y خروموسوم (染色体) بولغان ئۇرۇق بىر قەدەر كىچىك، ھەرىكەت ئىقتىدارى كۈچلۈك، ھەرىكەت سۈرئىتى تىز، ئىشقارغا مايىل بولۇپ كىسلاتادىن قورقىدۇ. ئۆمرى قىسقا بولۇپ، بۇ خىل ئۇرۇقتىن تۆرەلگەن بوۋاق ئوغۇل بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرىقى ئىككى ئۇرۇقنىڭ پەرقى بولغان ئىكەن، تېببىي ئىلىمدا بىر ئامال قىلىپ بۇلارنى ئايرىپ چىقىپ ياكى ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق بەلگىلىك نىسبەتتە جىنسنى بەلگىلەش ئىمكانىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى بۇندىن كېيىن داۋاملىق قىز-ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ نۆۋەتتىكى ئىمكانلىرى ۋە بەزى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇل-قاراشلار ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىدۇ.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر