يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى مۇرات مىجىت ۋە بىمارلار

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: قەشقەر گېزىتىنىڭ خەنزۇچە نەشرى | ۋاقتى: 2011/10/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: دىلشات مامۇت | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

قىيىنلىقى يۇقىرى بولغان ئوپېراتسىيە تېخنىكىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش   ئۈچۈن، مۇرات مىجىت بارلىق يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ھايات مۆجىزىسىنى ياراتتى


2002-يىلى 6-ئايدا، بىر جۈپ ياش دېھقان ئەر-ئايال ئارانلا بەش ئايلىق بولغان ئوغلىنى ئېلىپ، مۇرات مىجىتنى ئىز كېلىدۇ-دە، يىغلىغان ھالدا ئوغلۇم ۋاڭ جوڭياڭنى كۆپ دوختۇرخانىلارغا ئاپارساقمۇ، ئامال قىلالمىدى دەپ يالۋۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇنى ئاڭلىغان مۇرات مىجىت ياڭ ياڭنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭ كۆكەرگەنلىكىنى، بەش ئايلىق بولغان بولسىمۇ، بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئارانلا 4.5 كىلوگرام ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ چوڭ ئارتىرىيەلەرنىڭ يۆتكىلىشىدىن بولغانلىقىنى بېكىتىدۇ. بۇ ئوپېراتسىيە دۇنيا بويىچە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئوپراتسىيە بولۇپ، ئۆلۈش نىسبىتى %30 دىن يۇقىرى ھەمدە شۇ ۋاقىتتا پەقەت ئىككىلا دوختۇرخانا بۇ خىل ئوپېراتسىيەنى قىلالايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمارنىڭ يېشى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتسە،  ئوپېراتسىيە قىلغىلى بولمايتتى. مۇرات مىجىت قايتا-قايتا ئىنچىكلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوپېراتسىيە لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە بېيجىڭ فۇۋەي دوختۇرخانىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئوپېراتسىيەگە يېتەكچىلىك قىلدۇرىدۇ. 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋىدالىشىش تەييارلىقىنى كۆرۈپ بولغان ياڭ ياڭنىڭ ئاتا-ئانىسى كۆزىگە لىق ياش ئالغان ھالدا، ئوغلىنى ئوپېراتسىيە بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىدۇ. سائەت 10:30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئوپېراتسىيە رەسمىي باشلىنىدۇ. مۇرات مىجىت تۈزگەن ئوپېراتسىيە لاھىيىسى بويىچە ئائورتا، ئۆپكە ئارتېرىيە، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىرىنى بەدەن سىرتىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرۇپ، ئىنچىكلىك بىلەن ھەر قايسى تومۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. 3 سائەت 50 مىنۇتلۇق ئوپېراتسىيەدىن كېيىن پۈتۈن ئارمىيە بويىچە تۇنجى بولغان چوڭ تومۇرىنى يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. كىچىك ياڭ ياڭنىڭ يۈرىكى دورا ۋە  ئېلىكتىرلىق سوقۇشنىڭ تەسىرىدە ئوڭۇشلۇق ئەسلىگە كېلىدۇ، بۇنى كۆرگەن تېببىي خادىملارنىڭ يۈزىدە غەلبە كۈلكىسى جىلۋىلىنىدۇ.

مۇرات مىجىت قىلىشقا تېگىشلىك يۈرەك ئوپېراتسىيەسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئوپېراتسىيەلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. ئۇنىڭ نامى يىراق-يېقىنغا تارقالدى. بىراق ئۇ ھەر بىر بىمارنى ئۆزىنىڭ قېرىندىشى دەپ قاراپ، نۇرغۇن كېچە-كۈندۈز ۋە ئارام ئېلىش كۈنلىرىنى ھەتتاكى ئائىلە يىغىلىش ۋاقىتلىرىنىمۇ ئوپېراتسىيە بۆلۈمىدە بىمارلار بىلەن ئۆتكۈزدى. مەلۇم مەزگىلگىچە ھەر كۈنى دېگۈدەك 5-6 نەپەر بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، كۈننى تۈنگە ئۇلاپ ئوپېراتسىيە سۇپىسىدىن چۈشمىدى. ھەر قانچە ھېرىپ-چارچاش ۋە جاپا-مۇشەققەتلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ باشتىن-ئاخىرى ۋايسىمىدى. 2001-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ئوپېراتسىيە بۆلۈمىدە 3-بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلىۋاتقاندا، توساتتىن سىڭلىسىنىڭ ئوپېراتسىيە بۆلۈمىگە قىلغان تېلېفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. سىڭلىسىنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ: «ئاپام يۈرەك كېسىلى بىلەن تۈگەپ كەتتى، دەرھال قايتىپ كېلىڭ!» دېگەن يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىدا، ئۇ گەرچە قاتتىق ئازابلانغان بولسىمۇ، بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: «مەن ئوپېراتسىيە سۇپىسىدا، ئوپېراتسىيە پىچىقىنى قويۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.»-دەيدۇ. ئۇ بۇ ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈگىتىپ، بىر ھاياتنى قۇتقۇزۇپ بولغاندىن كېيىنلا خاتىرجەم بولۇپ، ئاپىسىنىڭ قېشىغا ماڭىدۇ. ئەپسۇس، ئۇ ئاپىسىنىڭ مېيىتىغا قاراپ يۈرىكى پىچاق تىلغاندەك بولىدۇ-دە: « شۇنچىلىغان يۈرەك كېسەللىرىنى قۇتۇلدۇردۇم، لېكىن ئۆز ئاپامنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىدىم»-دەيدۇ. بىراق، ئۇ ئاپىسىنىڭ روھىنىڭ ئۇنىڭغا «تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ھەر بىر يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىغا ھاياتلىق ئاتا قىل!» دەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر