سەككىز كېزەك بوۋاق ۋەقەسى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2011/12/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

گۇۋاڭجۇدىكى بىر جۇپ دولەتمەن ئەر-خوتۇن ئۇزۇنغىچە بالىلىق بولالمىغاچقا، پروبىركىدا بوۋاق يېتىشتۈرۈش ۋە «ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش» ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ پەرزەنت كۆرۈش ئازرۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرغان. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ ئۇرۇق-تۇخۇملىرىدىن 8 پروبىركىدا سۇنئى ئۇسۇلدا ھامىلە يىتىشتۇرۈلگەن بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ 8 پروبىركىدىكى ھامىلىنىڭ ھەممىسى مۇۋەققىپىيەتلىك بولغان.

 
 

بۇنىڭدىن بەكلا خوش بولۇپ كەتكەن دولەتمەن 2 نەپەر ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۇچىنى تاپقان ھەم ئۆز خوتۇنى بىلەن قۇشۇلۇپ 3 ئايال، دۆلەتمەننىڭ ئايالى ۋە ئىككى نەپەر ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇپ بەرگۈچىنىڭ بالا ياتقۇسى بىلەن 2+3+3 شەكىلدە ھامىلە كۆچۈرگەن، شۇنداق قىلىپ ئالدى-كەينى بولۇپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ 8 بوۋاق، 4 قىز 4 ئوغۇل ئارقا-ئارقىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان.

 


نوۋەتتە بۇ بوۋاقلار 14 ئايلىق بولغان بولۇپ، 11 بالا باققۇچى (8 بوۋاققا بىردىن 8 بالا باققۇچى، 2 تازىلىقچى،1 ئاشپەز ) ۋە1 شوپۇر بۇ بوۋاقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار