كورىيە جۇڭگودىن كەلگەن «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» نى قاتتىق تەكشۈردى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: سۇمرۇغ تورى | ۋاقتى: 2012/05/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

يەرشارى گېزىتى 7-ماي خەۋرى، كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ  6-ماي خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا تاموژنا تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىكەن بولۇپ، كېلىش مەنبەسى جۇڭگو بولغان «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» نىڭ ئەتكەس يولى بىلەن كورىيەگە كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان. ئېيتىلىشىچە، بۇ «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» ئۆلگەن ھامىلە ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بوۋاقنىڭ جەسىدىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن.

 


كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا تۇنجى «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» دىلوسى بايقالغاندىن بېرى، قانۇنسىز يوللار بىلەن كورىيەگە كىرگەن «ئادەم گۆشى كاپسۇللىرى» كۈنسايىن كۆپەيگەن. ھازىرغىچە، كورىيە تاموژنىسى 35 قېتىملىق مۇشۇ خىل ئەتكەسچىلىك دىلوسىنى بىرتەرەپ قىلغان بولۇپ، جەمئىي 17451 دانە «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» ئەتكەس يولى ئارقىلىق كورىيەگە كىرگەن.
«ئادەم گۆشى كاپسۇلى» دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيە ۋە بىر قىسىم كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكروئورگانىزملار بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بەزى «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» لىرى قانۇنلۇق دورا كاپسۇللارنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان. كورىيە تارماقلىرى يەنجى، چىڭداۋ، تىيەنجىن قاتارلىق جۇڭگو شەھەرلىرىدىن كەلگەن دورىلارغا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» دەل مۇشۇ شەھەرلەردىن كەلگەن ، دەپ قارالغان.

 


ئىگىلىنىشىچە، بىر قىسىم كورىيە ئەرلىرى بۇ خىل «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» جىنسىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، دەپ قارايدىكەن. ئەمما، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۆلگەن ھامىلە ۋە بوۋاقنىڭ جەسىدىدىن ياسالغان كاپسۇل سالامەتلىككە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن.

 

مەزكۇر خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇچۇر:

سەھىيە مىنىستىرلىكى: جۇڭگودا «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» ئەھۋالى بايقالمىدى

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر