خالمۇرات غوپۇر خەلقئارا ئاكادېمىكلىك شەرىپىگە ئېرىشتى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/04/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04


«ئۇلۇغ ۋەتىنىم بولغاچقىلا مۇشۇنداق شان-زەپەرلەرنى قۇچالىدىم.»
                                                                                      خالمۇرات غوپۇر

خەلقئارا ئالىي مائارىپ پەنلەر ئاكادېمىيەسى ( International Higher Education Academy of Sciences,IHEAS، 国际高等学校科学院 ) دۇنيا ئىلىم-پەن ئورتاق گەۋدىسى (World Scientific Community) نىڭ ئەزاسى بولۇپ، 1992-يىلى قۇرۇلغان، باش ئىشتابى موسكۇۋادا. مەزكۇر ئاكادېمىيەدە ھازىر 1000 نەپەر ئالىم ۋە مۇتەخەسسىس بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 35 دۆلەتتىن كەلگەن 800 نەپەر ئاكادېمىك، بۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مائارىپ تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى، شۇنداقلا 130 نەپەر جەمئىيەت ۋەكىللىرى بار. مەزكۇر ئاكادېمىيە ئىلىم-پەنگە دائىر ئۇچۇرلارنى يىغىش، تەۋسىيە قىلىش ۋە خەلقئارالىق پىلانلارنى باھالاپ ئانالىز قىلىشقا ئوخشاش خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى خالمۇرات غوپۇر مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى جۇڭيى-غەرب-ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىشتەك يېڭى ساھەنى ئېچىپ، ئېلىمىز ۋە ئەتراپتىكى ئەللەرنىڭ ئەنئەنىۋىي تېبابەتچىلىكىنى تېببىي ئىلىم-پەن بىلەن بىرلەشتۈرۈش تەتقىقاتى ۋە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارا ئالىي مائارىپ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە سايلىنىپ، ئېلىمىزدىن چىققان ئاكادېمىكلەر گۇ چاۋخاۋ، جاۋ داپېڭلاردىن كېيىن 12-بولۇپ مەزكۇر كاتتا شەرەپكە ئېرىشكەن ئالىم بولۇپ قالدى.

 


ئۇ مەزكۇر شەرەپكە ئېرىشىشتىن ئاۋۋال، سانكىت پېتىربورگ پاۋلوۋ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن پەخىرىي پىروفېسسورلۇق شەرىپىگە، موسكۇۋا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ھاياتلىق ئىلمى پەخىرىي پىروفېسسورلۇق شەرىپىگە نائىل بولغان؛ ئېستونىيە بالتىق دېڭىزى ئەنئەنىۋىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخىرىي جەمئىيەت باشلىقى بولۇپ سايلانغان؛ يېقىندا، ئامېرىكا، رۇسىيەلەردە ئىنگلىزچە ۋە رۇسچە نەشر قىلغان «زىققا كېسەللىكى ئىلمى»، «شاڭخەنلۈن-رۇسچە شەرھىيسى»، «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى خىلىت نەزەرىيەسى ۋە داۋالاش ئىلمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى خەلقئارادا ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغىغان ئىدى.
پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر جۇڭگو ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش كېلىشىمى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئېلىمىز بويىچە تۇنجى بولۇپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكۈچىدۇر. ئۇ ھازىر ئېلىمىز ۋە ئەتراپتىكى ئەللەردە بىرقەدەر زور تەسىرگە ئىگە تېببىي مۇتەخەسسىس-ئالىم. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، گېرمانىيە ۋە جۇڭگو شياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا بېرىپ، 200 قېتىمدىن ئارتۇق كېسەل داۋالاش، لېكسىيە سۆزلەش ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇشلاردا بولدى. ھازىرغىچە، جۇڭگو ۋە چەتئەللىكلەردىن بولۇپ 24 نەپەر پوست دوكتور، 47 نەپەر دوكتور، 117 نەپەر خەلقئارالىق ئاسپىرانت تەربىيەلىدى؛ 20 دىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى؛ مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش مۇكاپاتى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ئەسىرىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە نەشر قىلدۇردى، ئېلان قىلغان SCI ئىلمىي ماقالىسى 80 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئىلمىي ماقالىلىرى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايونلاردىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىلدى.
پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر _ ئېلىمىزدىكى تۇنجى دۆلەتلىك جۇڭيى-ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى كىلىنىكىلىق تەتقىقات بازىسىنى بەرپا قىلغۇچى، تۇنجى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭيى-ئۇيغۇر-غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش تەتقىقاتى بويىچە ئۆلكە-مىنىستىرلىق بىرلىشىپ قۇرىدىغان نۇقتىلىق تەجرىبىخانا ۋە «چاڭجياڭ ئالىمى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى پىلانى» غا كىرگەن يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى قۇرغۇچى، تۇنجى بولۇپ شىنجاڭدىن چىققان «مەملىكەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار ئىلىم-پەن فوندى» غا ئېرىشكۈچى.

 


پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن 22 يىلدىن بېرى، بارلىقىنى تېببىي تەتقىقات، تېببىي مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى ياراتتى ھەم كاتتا شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتى. باشقىلار ھەرقېتىم ئۇنىڭ قازانغان شان-شەرەپلىرىنى پەخىرلىنىش ئىچىدە تىلغا ئېلىپ تەرىپلەشكىنىدە، ئۇ: « ئۇلۇغ ۋەتىنىم بولغاچقىلا مۇشۇنداق شان-زەپەرلەرنى قۇچالىدىم. مەن چوقۇم ياراتقان نەتىجە-ئۇتۇقلىرىم ئارقىلىق ۋەتىنىمگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك» دەيدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر