ئوتتۇرا شەرقتىن جانئالغۇچ ۋىرۇس كىردى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/05/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېز خەۋىرى، تۈنۈگۈن يەنى 29-ماي گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە جۇڭگودىكى تۇنجى ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى تاجىسىمان ۋىرۇس (MERS) بىمارى بايقالدى.

 


بۇ ۋىرۇس ئەڭ دەسلەپتە، 2012–يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا بايقالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ياۋروپا، ئافرىقا، ئاسىيا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 20 نەچچە دۆلەتتە بۇ خىل ۋىرۇس يۇقۇمى كۆرۈلگەن. MERS نىڭ خەۋپى SARS دىنمۇ كۈچلۈك بولۇپ، تۇنجى يۇقۇملانغۇچى دوكلات قىلىنغاندىن ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە 1142 نەپەر كىشى بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ، 465 نەپەر كىشى قازا قىلغان، ئۆلۈش نىسبىتى %40.7 گە يەتكەن. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %97 ى ئوتتۇرا شەرقتىكى 10 دۆلەتتىن ئىكەن.
كىلىنىكىلىق ئالامىتى
MERS نىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى 14-2 كۈنگىچە بولۇپ، قىزىش، يۆتىلىش، نەپەس قىينلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. ئېغىر بولغاندا، ئۆپكە ئىقتىدارى زەئىپلىشىپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا ياكى ئۇنى داۋالايدىغان ئۈنۈملۈك دورا يوق.
قانداق كىشىلەر ئوڭاي يۇقۇملىنىدۇ؟
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى تۈگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. دىيابېت، سوزۇلما ئۆپكە كېسەللىكى، بۆرەك زەئىپلىكى ياكى ئىممۇنىتېت كۈچى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان كىشىلەر MERS نى ئوڭاي يۇقتۇرىۋالىدىكەن. شۇڭا، بۇ خىل كىشىلەر تۈگە بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشى لازىم ئىكەن.
كىملەر ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
1. يېقىنقى كۈنلەردە سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار، ئىيوردانىيە، يەمەن، ئوممان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت، ئىراق قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرىگە بارغانلار.
2. يېقىندا MERS يۇقۇمى كۆرۈلگەن كورېيەگە بارغانلار، بۇ يىل ھەرەمگە ھەجگە بارىدىغانلار.
ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى:
1. قولنى دائىم يۇيۇش
2. ئۆي ياكى قاتناش قۇرالىنىڭ ھاۋاسىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش
3. شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش
4. ئوزۇقلىنىش مۇۋاپىق، بىخەتەر، پاكىز بولۇش
5. مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇپ ئاندىن ئىستېمال قىلىش
6. تولۇق پىشمىغان گۆشلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق
7. نەپەس يولى كېسەللىكى بار كىشىلەر بىلەن ئىمكانقەدەر ئۇچراشماسلىق
8. كىشىلەر توپلاشقان جايلارغا زۆرۈر بولمىسا كۆپ بارماسلىق
9. ئېغىل-قوتان، قۇشخانا قاتارلىق جايلارغا ئىمكانقەدەر بارماسلىق ۋە مال-چارۋىلارنىڭ قىغى بىلەن ئۇچراشماسلىق
10. تۈگىدىن يىراق تۇرۇش، تۈگە سۈتىنى خام ھالەتتە ئىچمەسلىك، تۈگىنىڭ چىقىرىندىلىرى بىلەن ئۇچراشماسلىق

ئەلداۋا تەۋسىيەسى: يېقىندا ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە بارغۇچىلار ئەگەر قىزىش ۋە يۆتىلىش قوشۇلۇپ كەلگەن ئېغىر دەرىجىدىكى (كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسەتكۈدەك ) نەپەس يولى كېسەللىكى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈپ، شۇ جايدىكى سەھىيە تارماقلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر