ئەلداۋا ئەرز قىلمامدىكەن؟

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى | ۋاقتى: 2015/06/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: كۈلگىن | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «نەزەر»، «كارخانىچىلار ساداسى» ۋە «ئەلدىن ئەلگە نەپ» پىروگراممىلىرىنىڭ ئورگان سالونى: «kulgintori»نىڭ مەسئۇلىدىن تورداشلارغا رامىزانلىق سالام!

يېقىندىن بۇيان، بىرمۇنچىلىغان «دانىشمەن» لەر ئۈندىداردا ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ، ئۈندىدار ئەھلىگە «يەر تەۋرىگەن» دەك تۇيغۇ بەردى. تېخى ئارزۇ تولدۇرۇش باشلانماي تۇرۇپلا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇر سىزىقى ئېلان قىلىنىپ بولۇندى. ئەمەلىيەتتە، ھۆكۈمەت تەرەپ 24- ئىيۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە 2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىنى ئېلان قىلدى. مانا مۇشۇنداق ئېگىز-پەسلىك پەلىپەتىش ئۈندىدارچىلارغا ئويۇن بولغان بولسا؛ تەمكىن، بىلىمدان ئۈندىدارچىلارنىڭ قوشۇمىسىنى تۈردۈردى. كەيپىم چاغ، ئەمما ئۈندىدار توپلىرىدا بىر -بىرىدىن ئالدىراش ئاجايىپ-غارايىپ تېمىلار ئاستىدىكى نائېنىق مەزمۇنلار سېكۇنتىغا بىر يېڭىلىنىپ بېرىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز، «دورا»غا ئۇچراپ قالدىم. كەيپىممۇ ئوڭشالدى، مۇنداقمۇ سالۇنلار بارىكەنە، - دەپ سالدىم. 
 


بەزى ئادەملەرنىڭ تىلى جىسمىغا ۋاپاسىزلىق قىلىپلا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ؛ يەنە بەزى ئادەملەرنىڭ قەلبى تىلى ئارقىلىقلا ئەلگە نامايەن قىلىنىدىكەن؛ مەيلى قانداقلا بولسۇن، راست گەپ قىلىش «قىممەت»نى بەلگىلەپ قويۇۋاتىدۇ.  راست گەپ قىلغان سالونلاردا قىممەتمۇ بار، ئەلدىن ئۇلارغا ھىممەتمۇ بار. دىققەت قىلساق، ھازىرغىچە 99.99 پىرسەنت سالوننىڭ «شوئارى» يوق. «ئەلنىڭ داۋاسى - بىزنىڭ غايىمىز» مانا بۇ ئۇيغۇرچە سالونلاردىكى بىردىن بىر سالون شوئارى! نىيەت-ئىقبالى دۇرۇس ئادەمنىڭ ئىشلىرىدا سىجىللىق بولىدۇ. «ئەلداۋا ساغلاملىق تورى» ئېچىلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئاۋامنىڭ ساغلاملىقىغا ھېسابسىز كۈچ قوشۇپ كەلدى. بۇ بېكەتتىكى 100 مىڭغا يېقىن تۈرلۈك مەزمۇن نەچچە مىليون ھاجەتمەنگە ھەقسىز تەقدىم ئېتىلدى. سىناقتىن، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن، ئائىلىلەردە قوللىنىش ئىمكانىيىتى يېتەرلىك بولغان تۈرلۈك دەۋا -چارىلەرنىڭ ھەممىسى «ئەلداۋا»دىن تېپىلىدۇ، - دېگەن گەپ بىكار چىقمىغانىكەن. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە سالونىنىڭ قۇرغۇچىسى «يۈكسەل» ئەپەندى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇھەررىرى، شۇنداقلا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر مۇھەررىر» شەرىپىگە ئېرىشكەن ياش! «قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپنىڭ سويغىنى ياخشى». كەسىپ ئەھلىنىڭ مىھىرلىك قوللىرىدىن ئاپىرىدە بولۇۋاتقان «ئەلداۋا ساغلاملىق سالونى» سالونچىلارغا نېمىنىڭ راست، نېمىنىڭ نەپ بېرىدىغان ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى ھەرۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇرۇۋاتىدۇ..

ئادەم كۆپەيتىش ئارقىلىق پۇل تېپىش بىر قىسىم سالونكەشلەرنىڭ ئاداققى نىشانى بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىر ياشنىڭ ئاۋام ساغلاملىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ قەدىرلىك! بۈگۈن سالونىڭىزغا ئېزىپ كىرىپ قالغان كىشىنىڭ داۋاملىق نەم يەرگە دەسسەۋېرىشى مۇمكىنمۇ؟ «سۆز ياساش»، «تېما قويۇش» پىرلىرى ھېسابلىنىدىغان ئەنە شۇ سالونكەشلەر ئاغرىپ قالغان ۋاقتىڭلاردا، خىجىل بولماي «ئەلداۋا ساغلاملىق تورى» ھەم «ئەلداۋا ساغلاملىق سالونى»غا كىرسىڭىز، غەمدىن قۇتۇلۇپ، يېنىكلەپ قالغاندەك، جاھاندا مىننەتسىز تەر تۆكۈۋاتقان ئۇيغۇر سالونچىلىرىنىڭمۇ بارلىقىدىن ھەيرانمۇ قالىسىز. گۇمانلانماڭ، «ئەلداۋا»دىكى مەزمۇنلار ساختىلىقتىن يىراق! كۈندە ئىككى نۆۋەت زىيارەت قىلىپ قويسىڭىز، يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ، ئۆزىڭىزگە يۈز كېلىدىغان  جاسارەتكىمۇ ئىگە بولۇپ قالىسىز!

ئەلداۋا ساغلاملىق سالونىنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوقتى، - دېيىشىڭىزمۇ مۇمكىن.  ئەلۋەتتە، «ئەلداۋا» ساغلاملىق سالونىدىن قېلىشمايدىغان يەنە شۇنداق كەسپىي سالونلارمۇ كۆپ. ئۇلارغا كىرسىڭىزمۇ ھېسابسىز نەپلەرگە ئېرىشەلەيسىز! گەپنىڭ پوسكاللىسى، سەمىمىيەتلا بولىدىكەن، ھەرقانداق بىر سالۇن جۇلالىنالايدۇ .
 


ئەلداۋا ساغلاملىق تورى كۆز ئاچقاندىن بۇيان، «ئەلداۋا» ماركىسى دىيارىمىزدا تېز تۇنۇلۇشقا باشلىدى. ھازىر نەگىلا بېرىڭ، شىنجاڭنىڭ بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىدىمۇ «ئەلداۋا» نامىدا يا بىرەر شىپاخانا-ئامبۇلاتورىيە، يا بىرەر دورىخانىنى ئۇچرىتالايسىز. يېقىشلىق، مەنىسى چوڭقۇر ناملار خەلقنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە تېزلا ئېرىشىدىكەن. «ماركا قانۇنى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا ھەمدە «ئەلداۋا» ماركىسىنىڭ 2011-يىلىلا تېببىي داۋالاش، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، يېمەك-ئىچمەك تۈرلىرى بويىچە 40 تۈرگە قانۇنلۇق ئەنگە ئالدۇرۇلغانلىقىغا قارىغاندا، «ئەلداۋا» ماركىسىنى پەقەت «ئەلداۋا» شىركىتىلا ئىشلىتىشكە ھەقلىق.  لېكىن،  «ئەلداۋا» ئۆزىدىكى مەردۇ-مەردانىلىق، كەڭ قورساقلىق خىسلىتى بىلەن «ئەلگە نەپ» يەتكۈزۈشنى مىزان قىلغاچقا، «ئەلداۋا» چىلارغا پەش دېمەستىن، «مەرھەمەت» دەپ كۈلۈپ باقتى. قىسمەن كەسىپ ئەھلىلىرى «ئەلداۋا»نى سوتقا ئەرز قىلىش شەكلىنى قوللىنىپ، نام ھوقۇقىنى قوغداش يولى ئارقىلىق بىرمۇنچە پۇل ئۈندۈرۈۋېلىشقا دەۋەتمۇ قىپتۇ. لېكىن، «ئەلداۋا»نىڭ جاۋابى يەنىلا شۇ......

يەنە شۇنداق سالون، تورچىلارمۇ باركى، «ئەلداۋا»دىن كۈنىگە 5-10 پارچە ماقالە ئوغرىلىمىسا، كۈنى كەچ بولمايدۇ. بۇلارغىمۇ «ئەلداۋا» مەردلىك كۆرسىتىۋاتىدۇ.
«ئەلداۋا»دا خىسلەتلەر تولىكەن، شۇڭلاشقا ئۇنى يېقىن كۆرمەسلىككە، تەۋسىيە قىلماسلىققا نېمە باھانىمىز بار دەيسىز!
يۇقىرىقى يازمىغا پىكىر قاتناشتۇراي، ئاۋازلىق يۇمۇرلاردىن ھۇزۇرلىناي، سەرخىل مەزمۇنلاردىن كۈندە بەھرىلىنەي دېسىڭىز، تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى بارمىقىڭىز بىلەن بىرلا باسسىڭىز، ياكى يانفون بىلەن سايىلىسىڭىزلا، ئۈندىدار سۇپىمىز  kulgintori دىن ھۇزۇرلىنالايسىز! 
 

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر