ئۇيغۇر تېبابەت دورىسىدىن 17 سى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىردى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/09/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى، مۇخبىرنىڭ 29-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭىدىن قوشۇلغان مىللىي تېبابەت دورىلىرى رەۋغىنى بۇيا، ئانار قان تولۇقلاش شىرنىسى، مەجۈنى لوبۇپى سەغرى، قۇرسى زەھەب، قۇرسى مەسھا، غارىقۇن ئىچىملىكى، سىيادان چاچ مېيى، سىيادان چاچ ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقى، قۇرسى سۆئلەپ، زۇكام كاپسۇلى، زىماتى كالىزىرە، مەلھىمى بەرەس، قۇرسى ئىمساك، ھەببى لوبۇپى كەبىر، ھەببى قەشىپ، زەپەر ئىچىملىكى، قۇرسى بابۇچىدىن ئىبارەت ئىكەن.

سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار بۇ دورىلارنى ئىشلەتكەندە، دورا پۇلىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۆز يېنىدىن چىقارغاندىن كېيىن، قالغىنىنى داۋالاش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلدۇرسا بولىدىكەن. بۇ 17 خىل مىللىي تېبابەت دورىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ جۇڭيى ۋە مىللىي تېبابەت دورىلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن ئىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر