ياش تېببىي مۇھەررىر-ئۆمەرجان ئەمەت

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

ئىسىم-فامىلىسى: ئۆمەرجان ئەمەت
خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
بۆلۈم: نەشر-ئۇچۇر بۆلۈمى
كەسپىي ئۇنۋانى: مۇھەررىر
ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرۇس
ئوبدان ئىگىلىگەن كەسپىي ساھەسى: ساقلىق-ساقلىق، غەرب تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىگە ئائىت سەھىيە ساغلاملىق كىتابلىرىنى پىلانلاش، تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش، تەرجىمە ئاساسىدا تۈزۈش، ئوقۇپ تەكشۈرۈش، تېببىي ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە نامىنى مۇھاكىمە قىلىپ ماس ئاتالغۇ ئىزدەش، تېببىي ئۇنۋان ئېلىشتىكى كىتاب نەشر قىلىش، شۇنداقلا مېدىتسىناغا ئالاقىدار كىتابلارنى نەشرگە تەييارلاش.
 


قىسقىچە تەرجىمىھالى:
شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى قارمىقىدىكى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتىنىڭ نەشر-ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ، مۇھەررىر ئۆمەرجان ئەمەت 1981-يىلى ئاقسۇدا تۇغۇلغان، 2005-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، دوختۇرلۇق خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ ئۆز قىزىقىشى بويىچە(1999-يىلىدىن باشلاپ تېببىي يېزىقچىلىق بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللانغان) رايونىمىز تېببىي كىتابچىلىق ئىشلىرىغا كۈچ قوشۇش مەقسىتىدە 2006-يىلىدىن بېرى مۇشۇ ساھەدە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتىدا ئىشلەشتىن ئاۋۋال ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىل مابەينىدە تېببىي پەن يېزىقچىلىق ھەم نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، ئاقسۇ گېزىتى، شىنجاڭ گېزىتى، ئاسىيا كىندىكى گېزىتى، ساقلىق-ساقلاش ژۇرنىلى، تىل ۋە تەرجىمە ژۇرنىلى، شىنجاڭ(كېسەللىكلەرنىڭ)ئالدىنى ئېلىش تېببىي ئىلمىي ژۇرنىلى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىمى ژۇرنىلى  قاتارلىق ئاخبارات-نەشرىيات ئورۇنلىرىدا ئېلان قىلىنغان <<دىيابېت بىمارلىرىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ>>،<<ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا قانداق بۆسۈپ كىرىدۇ>>،<<ئۇيغۇر تېبابىتى تېرە كېسەللىكلىرى ئىلىمى>>،<<ساغلاملىق ھەققىدە 66ساۋات>>قاتارلىق 300نەچچە پارچە ئەسەر( تېببىي كىتاب ماتېرىياللار)نىڭ تەرجىمە-تەھرىرلىك، نەشر قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان. نوپۇزلۇق كىتابلاردىن خەنزۇچە-ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە تېببىي چوڭ لۇغەت(غەربىي رايون مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا كىتابلىرى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ۋە 3-نۆۋەتلىك پۈتۈن مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىنغان يۈز خىل مۇنەۋۋەر كىتاب شەرىپىگە ئېرىشكەن)، ھازىرقى زامان تېبابىتىدە سۆڭەك-بوغۇم كېسەللىكلىرىگە رېنتىگېندە دىياگنوز قويۇش(غەربىي رايون مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا كىتابلىرى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)، ئاقكېسەلنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش قاتارلىق دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق كىتاب نەشر قىلىش تۈر قۇرۇلۇشىنى تاماملاشقا قاتناشقان.2012-يىلى مۇنەۋۋەر مۇھەررىر، 2015 -يىلى باش نەشرىيات بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.  ئۆمەرجان ھازىرمۇ ھەم مۇشۇ تېببىي پەن يېزىقچىلىق ساھەسىدە داۋاملىق ئىزدەنمەكتە.


مەسلىھەت سوراش يېتەكچىسى:
مۇھەررىر ئۆمەرجان ئەمەتتىن تېببىي پەن يېزىقچىلىقى، كىتابچىلىق ئىشلىرىدىن مەسلىھەت سوراش ئېھتىياجىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ياكى eldawa ئىزدەش نومۇرى ئارقىلىق ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئالاقە ئۇچۇرىنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر