ئەلدوست-بىلگەجان ئەيدىز تالاش-تارتىشىغا تەكلىپ

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

ھۆرمەتلىك كەسىپداشلار، دوستلار!
دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد (بىلگەجان) نىڭ ئەلداۋا سالونىدا ئېلان قىلغان «ئەلدوستنىڭ ئەيدىز سەپسەتىسىگە رەددىيە» دېگەن ماقالىسىنى ھەمدە ئەلدوست شىركىتىنىڭ بەرگەن چۈشەندۈرۈش-جاۋابلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم.

مەنمۇ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر دورىگەرلىك دوكتورى ھەمدە بۇ ھەقتىكى قائىدە-نىزاملارنى تولۇق چۈشىنىدىغان ئاپتونوم رايونلۇق دورا ۋە يېمەكلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىكى دورىگەرلىك خادىمى، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ يېمەكلىك ۋە دورا گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاش مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇقىرىدىكى تالاش-تارتىشلارغا تۆۋەندىكىچە تەكلىپ بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.
1. يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئۇنىڭ دورىلىق رولىنى يېزىش ھەمدە ئۇنىڭ رولىنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىشقا، ئېلان بېرىشكە بولمايدۇ. قىسمەن نەتىجىلەرنى ئاساس قىلىپ، ئۇنى بىر مۆجىزە دەپ كۆپتۈرۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.
2. بەزى بىر سەۋەنلىكلەر تۈپەيلىدىن، خەلقىمىزگە نۇرغۇن ياخشى مەھسۇلاتلارنى سۇنغان بىر مىللىي كارخانا قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ كەتسە ئۇمۇ ياخشى بولمايدۇ.

شۇڭا، مەن تۇرسۇنجان دوكتور بىلەن ئەلدوست شىركىتىنىڭ لىدىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنى مەن ۋە مېنىڭ ئىككى خىزمەتدىشىم قوشۇلۇپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆز-ئارا يۈز كۆرۈشۈپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىر سۆھبەت ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىمەن.

 

-دوكتور مۇخبۇل ئابلىز، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتورانت يېتەكچىسى، فىرانسىيە دۆلەتلىك تېببىي پەنلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ PhD دوكتورى


ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى:
دوستلارنىڭ بۇ تەكلىپنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. دوكتور مۇخبۇل ئابلىز بىلەن ئالاقىلىشىش ياكى مەسلىھەت سوراش ئېھتىياجىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ياكى eldawa ئىزدەش نومۇرى ئارقىلىق ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئالاقە ئۇچۇرىنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر