تېز كۆرۈڭ، پۈتۈن جۇڭگولۇقلارنى چۆچۈتكۈدەك خەۋەر

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02


يەرشارى راك كېسەللىكى دەۋرىگە قەدەم قويدى، جۇڭگولۇقلارنىڭ راك بىلەن كېسەللىنىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا

جۇڭگو ئاخبارات تورى 5-فېۋرال خەۋىرى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى:
ھەر يىلى 4-فېۋرال كۈنى بولسا «دۇنيا راك كېسەللىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش كۈنى»، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «دۇنيا راك كېسەللىكى ھەققىدە دوكلات» تا يېقىن كەلگۈسىدە راك كېسەللىكى كۆپلەپ كۆرۈلۈپ، يەرشارىنىڭ راك كېسەللىكى دەۋرىگە قەدەم قويۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھ بېرىلىپ، كىشىلەرنى تۇرمۇش شەكلىنى تەڭشەپ، ئىسپىرت بىلەن قەنتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا قەتئىي چەكلىمە قويۇپ، تاماكا تاشلاشقا چاقىرغان.
 


مەزكۇر دوكلاتنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قارمىقىدىكى خەلقئارالىق راك تەتقىقات ئورنى مەسئۇل بولۇپ تۈزىگەن بولۇپ، 40 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى 250 دىن ئارتۇق ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر تۈزۈشكە قاتناشقان.

دوكلاتتىكى مۇھىم نۇقتىلار (شىنجاڭنىڭ ئاخىرىدا ):

2012-يىلى
دۇنيا بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن راك بىمارى 14 مىليون نەپەر، بۇلارنىڭ %20 تىدىن ئارتۇقراقى جۇڭگولۇقلار.
دۇنيا بويىچە ئۆپكە راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، دۇنيادىكى ئۆپكە راكى بىمارلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر ئۈلۈشى جۇڭگودا.
جۇڭگو بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن راك بىمارى 3 مىليون 70 مىڭ نەپەر، 2 مىليون 200 مىڭ كىشى راك بىلەن قازا قىلغان.



2013-يىلى
يېڭىدىن كۆپەيگەن راك بىمارى 3 مىليون 90 مىڭ كىشى، 2 مىليون 500 مىڭ كىشى راك بىلەن قازا قىلغان.
ئۆپكە راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 1-ئورۇندا، ھەر يىلى 600 مىڭ ئادەم ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولماقتا.

2015-يىلى
يېڭىدىن كۆپەيگەن راك بىمارى 4 مىليون 290 مىڭ كىشى، 2 مىليون 810 مىڭ كىشى راك بىلەن قازا قىلغان.

مۆلچەر:
پۈتۈن دۇنيادا راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشى، 2035-يىلىغا بارغاندا راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى 24 مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

ھەر مىنۇتتا 6 ئادەم راك بولماقتا
مەملىكەتلىك راك-ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى تىزىملاش مەركىزىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئېلىمىزدە ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپىيىدىغان راك بىمارىنىڭ سانى تەخمىنەن 3 مىليون 120 مىڭ نەپەر بولۇپ، ھەر كۈنى 8550 كىشىگە راك دەپ دىياگنوز قويۇلىدىكەن، ھەر مىنۇتتا 6 ئادەمگە، ھەر 10 سېكۇنتتا 1 ئادەمگە راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلىدىكەن.

ئېغىر كېسەللەردە ياشلىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلمەكتە
سەھىيە تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق ئۇچۇرلارغا كۆرە، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئۆمۈرىدە ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %72.17 گە يەتكەن، ئوتتۇرىچە داۋالىنىش چىقىمى 83 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇ نىسبەت ۋە سان ھەر يىلى %25 بويىچە ئۈزلۈكسىز ئېشىۋېتىپتۇ.

شەھەر ئاھالىلىرى كېسەل بىلەن ئۆلۈش سەۋەبى جەھەتتە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %22.71 گە، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى %22.63 گە، يۈرەك كېسەللىكلىرى %16.77 گە، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى % 14.02  گە يەتكەن. ئېغىر كېسەللىكلەر كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتىغا خىرىس قىلىۋاتقان بىرىنچى نومۇرلۇق قاتىل بولۇپ قالغان.

مايۈن: 10 يىلدىن كېيىن 3 چوڭ راك ھەر بىر ئائىلىنى ئازابلايدۇ.


راكنىڭ مەنبەسى ھاۋا، سۇ ۋە يېمەكلىكتە.
بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، 10 يىلدىن كېيىن جىگەر، ئۆپكە، ئاشقازان راكىدىن ئىبارەت بۇ 3 راك ھەر بىر ئائىلىنى ئازابلايدۇ.
جىگەر راكى: كۆپىنچە سەۋەبى ئىچىملىك سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئۆپكە راكى: بىز نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋا بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئاشقازان راكى: بىز يەۋاتقان يېمەكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك

30 يىل بۇرۇن، ئارىمىزدىكى قانچىلىك ئادەم ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى پالان-پوكۇنىنىڭ راك بولغانلىقىنى، راك بىلەن قازا قىلغانلىقىنى دەپ بېرەلەيدۇ؟! ئۇ چاغلاردا راك ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىدىغان سۆز ئىدى، ھازىرچۇ؟!...

شىنجاڭدىكى كىشىلەرنىڭ راك بىلەن كېسەللىنىش ئەھۋالى

ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردىن ئىگىلىشىچە، بالىياتقۇ بوينى راكى شىنجاڭدىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان راك كېسەللىكى بولۇپ، ئەمچەك راكى، ئۆپكە راكى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىدە ئۆرلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈۋاتىدۇ.
دىيارىمىز شىنجاڭدا، راك-ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىچىدە كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان 5 خىل كېسەللىك تەرتىپ بويىچە بالىياتقۇ بوينى راكى %33.14 ، قىزىلئۆڭگەچ راكى %23.95 ، جىگەر راكى %12.37 ، ئۆپكە راكى % 7.55  ۋە چوڭ ئۈچەي راكى %5.11 دىن ئىبارەت.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، جۇڭگو نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپدار بولغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، دىققىتىمىزنى قوزغاشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، دىيارىمىز شىنجاڭدا جۇغراپىيە، ھاۋا-كېلىمات، غىزالىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن يامان سۈپەتلىك راك-ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان بىر ئەھۋالدا ئىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانا ئۆسمە كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، شىنجاڭدا ھازىر ئۆپكە راكى، ئاشقازان راكى، ئاشقازان-ئۈچەي ئۆسمە كېسەللىكلىرى بارغانسېرى ياشلىشىپ، كېسەللىك كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش يۈزلىنىشىدە تۇرۇۋېتىپتۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى ما لېينىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، راك-ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئاساسەن ئېرسىيە، تۇرمۇش ئادىتى ۋە مۇھىت قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، مۇھىت ئامىلى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئەڭ ئوڭاي "ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ" قالىدىكەن. ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا كۆرە، كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان راك-ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئۆپكە راكىغا گىرىپدار بولغان ئەرلەر %32 نى، ئاياللار %22 نى ئىگىلىگەن. مۇتەخەسسىس ما لېينىڭ ئېيتىشىچە، راكنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، مۇھىت ئامىلى ئەڭ مۇھىم بولۇپ، ئاساسەن بارلىق راك كېسەللىكلىرى مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بارلىق ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەن بىمارلارنىڭ كېسەللىنىش سەۋەبىنىڭ %90-%80 ى تاماكا چېكىش ئىكەن. ئاز بولمىغان ئۆي بېزەك ماتېرىياللىرىنىڭ تەركىبىدە راكنى پەيدا قىلغۇچى ماتېرىياللار بولۇپ، ئۇزاق مەزگىل تەسىر قىلغاندا، قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان، ئۈچەي، ئۆت كانىلى راكى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋراچى باۋ يوڭشىڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ياخشى بولغان تۇرمۇش مۇھىتى ھازىرلاش ۋە ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە ئۈچىن بىر ئۆلۈش راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى تامامەن ئالغىلى بولىدىكەن، قالغان ئۈچتىن بىر ئۆلۈشىنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدىكەن، ئېشىپ قالغان ئۈچتىن بىر ئۆلىشىنى بولسا مۇۋاپىق داۋالاش ئارقىلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتىش، ھاياتلىق سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

ئەلداۋادىن چاقىرىق:
بىز بەلكىم ھاۋا، سۇ مەنبەسى، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى كونترول قىلالماسلىقىمىز ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما ئۆز ئۆي-ئىشخانىمىزنىڭ ياكى ماشىنا ئىچىنىڭ مۇھىتىنى يەنىمۇ پاكىز، ساغلاملىققا زىيانسىز بولغان بىر رەۋىشكە ئېلىپ كېلەلىشىمىز مۇمكىن. شۇنداقلا، تاماكا تاشلاش، غىزالىنىش ئادىتىمىزنى تەڭشەش، سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، كەسپىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق چارە-تەدبىرلەر بىلەن راكنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى يوقىتالىشىمىز مۇمكىن.

ئەلداۋا تەۋسىيەسى:
بۇ ھاياتتا ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ساغلاملىقتىن ئىبارەت. بىزنىڭ پۈتكۈل ئەقىل-پاراسىتىمىز، ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىمىز مۇشۇ بايلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. ساغلاملىقتىن ئايرىلغان بايلىق نۆلگە تەڭ! شۇڭا، دوستلارنىڭ بۇ تېمىنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ۋە ئەلداۋا ساغلاملىق ئەپىنى يانفونىغا چۈشۈرۈۋېلىپ، جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىق ھەققىدىكى مەزمۇنلاردىن مەنپەئەتلىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر