ساقچىلار ئەلدوست ئەيدىز ئېلانىنى ساختا دەپ ئېلان قىلدى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02


ئىلى تور نازارەت-قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى خەۋىرى، شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ ئەيدىز تورى تەرجىمىسى:
تور ئاممىسى يېقىندىن بۇيان ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە «شىنجاڭ ئەلدوست بىيو-پەن تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ ئەلدوست دەپ ئېلىندى) نىڭ ھاياتلىق ئوزۇقلۇق ئىچىملىكىنىڭ ئەيدىزنى داۋالىيالايدىغانلىقىغا ئائىت ساختا ئېلاننىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.


ئېلاندىكى مەزمۇنلاردا، ئەلدوست ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان ھاياتلىق ئوزۇقلۇق ئىچىملىكنىڭ رولىنى مۇبالىغە قىلىپ، بولۇشىغا ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەن ھەمدە 2009-يىلى 2-ئايدا بىر ئەيدىز بىمارى داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، ھەم ۋىرۇسقا قارشى دورا يەپ ھەم ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇق ئىچىملىكىنى ئىچىپ، 15 كۈندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، جىگەر، بۆرەك، ئۆپكە قاتارلىق ئەزالىرىنىڭمۇ ياخشىلىنىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 10 كىلوگىرام ئاشقانلىقىنى، يۈگۈرۈپ چېنىقالايدىغان بولغانلىقىنى بايان قىلغان. يەنە تېخى، ئەلدوست شىركىتى ئىلى ئوبلاستىدىن 50 نەپەر ئەيدىز بىمارىنى يىغىپ، ھاياتلىق ئىچىملىكى بىلەن داۋالىماقچى ۋە ئاشكارا تەشۋىقات قىلماقچى بولغان.
 


ئەلدوست شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ھاياتلىق ئوزۇقلۇق ئىچىملىكى دورا تۈرىگە تەۋە ئەمەس، ئۇ پەقەت ئادەتتىكى ئىچىملىك بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈپ داۋالاش دورىلىرىنىڭ قاتارىدىمۇ ئەمەس، ئۇلار تەشۋىقاتتا باشقىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىقچە ئىشلەتكەن بولۇپ، ھاياتلىق ئىچىملىكىنىڭ رولىنى مۇبالىغە قىلىپ، كۆپتۈرۈپ، يالغان تەشۋىقات قىلغان. بۇ، ئۈنۈم دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى داۋالايدۇ دەۋالغان قانۇنسىز ئېلانغا كىرىدۇ.
ئەلدوست يەنە يېقىندا ئىلى ئوبلاستىدىن 50 نەپەر ئەيدىز بىمارىنى يىغىپ، ھاياتلىق ئىچىملىكى بىلەن داۋالىماقچى ۋە ئاشكارا تەشۋىقات قىلماقچى بولغان. تور ساقچىسى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئالدام-خالتىسىغا چۈشۈپ قالماسلىقنى سەمىڭىزگە سالىدۇ.

تورداشلارنىڭ بۇ ئۇچۇرنى تېز سۈرئەتتە كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر