
ئالىملار دەۋرىمىزدىكى ئەڭ قورقۇنچلىق كېسەللىكلەردىن بىرى بولغان راكنى بايقاش ئۈچۈن ھەر كۈنى يېڭى مېتودلارنى ئىجاد قىلماقتا. سۇمرۇغ تورى خەۋىرى: ئۈچەي ۋە ئۆپكە راكىغا ئوخشاش پۇراق چىقىرىدىغان راك كېسەللىكلىرىنى بايقاشتا ئىتلاردىن پايدىلىنىشنىڭ باشلىنىشى بىلەن، قالقانسىمان بەز راكىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈمىد پەيدا قىلىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىتلارنىڭ پۇراش سەزگۈرلۈكى ئىنسانلاردىن 10 ھەسسە كۈچلۈك بولۇپ، ئىلىم ساھەسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئامېرىكا ئاركانساس ئۇنىۋېرستېتى تىببىي فاكۇلتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، 34 بېمار ئۈستىدىن تەتقىقات ئېلىپ باردى ۋە فىرەنكى ئىسىملىك گېرمان چوپان ئىتىغا، ئۇلارنىڭ سۈيدۈكىنى پۇراتتى. فىرەنكى ئىسىملىك ئىت 30 بېمارنىڭ كېسىلىنى توغرا تاپتى. ئىتلارنىڭ پۇراش سىزىمىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان ئالىملار، فىرەنكى پۇرىغان پۇراقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئىلىم دۇنياسى بۇ تەتقىقاتقا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇردى. بەزى ئالىملار، بۇ نەتىجىنىڭ كىشىنى ھاياجانغا چۆمدۈرىدىغانلىقىنى ۋە بىئوپسىيە قوللىنىلمايدىغان دۆلەتلەر ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. يەنە بەزى ئالىملار بولسا، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئىتلارنىڭ خىمىيەلىك ماددىلارنى پۇرىيالايدىغانلىقىنى يېڭى سىناقلارغا يول كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
كىملىك ئۇچۇرىڭىز باشقىلارنىڭ ئۈندىدارىغا باغلانغانمۇ؟ ئەلداۋادىن جەمئىيەتتىكى ئىشلار : سىز ھېچنېمىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلار سىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرىڭىزدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئۈندىداردىكى چىقىم قىلىش ئىقتىدارى
يۈرەك كېسىلى بارمۇ؟ قۇلاق بۇرۇن قولدىكى 3 ئورۇنغا قاراپ بىلىمىز ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ماقالىسى: جۇڭيى تېبابىتىدە: يۈرەك بەدەننىڭ پادىشاھى، ئىچكى ئەزالار، ئۇستىخان دېگەندەك ھەممىسى يۈرەكنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ، شۇڭا ئۇ رەئىس ئە
ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ؟ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﺎﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ، ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ: ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺋﻪ
يېڭى بايقاش: تۆگە سۈتى دىيابېت بىمارلىرىنىڭ نىجات يۇلتۇزى جۇڭگو ئائىلە گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى : تۆگە سۈتىنى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن
جىسمانىي ھەرىكەت دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىدۇ ياشانغانلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىشقا پايدىلىق خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى
