ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسى قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ﺗﯧﯖﺸﯜﻥ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ 1-ﻣﺎﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ، ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ:

ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﮪﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﻤﯩﺰ؟ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻻﻻﻳﻤﯩﺰ؟ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺳﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ؟ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﺭ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺕ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﭽﻮﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ؟ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ 

ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺍﻣﺪﯗ؟

ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﻳﻪﯕﮕﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﯩﻠﻪﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ، ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ (ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ)ﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 

ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ 12 ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﻜﻪ، ﺷﻪﮪﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺋﺎﺗﭽﻮﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻪﺯﻯ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﻳﻪﯕﮕﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﺩﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﻱ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺵ (ﻳﻪﯕﮕﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ)ﻧﻰ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻳﻪﯕﮕﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻜﻰ، ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺗﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﺎﺗﭽﻮﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 

ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺳﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ 

ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﭘﯩﻼﻧﻼﺵ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺷﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﭽﻰ-ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ. 

ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺳﻪﻙ، 2017-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺵ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﺑﯩﺮ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﮪﻪﻕ  ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ-ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﮪﻪﻕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %0.8، ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ  ﺷﯩﻴﺎﯞ xxﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ 5000 ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﮪﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ: 8000×%0.8=40 ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺋﯘ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. 

ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﭽﻮﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ؟

ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﻰ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ، ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ، ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. 

ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺳﻪﻙ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻴﺎﯞ xx ﻳﻪﯕﮕﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺗﭽﻮﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﭽﻮﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ، ﺋﺎﺗﭽﻮﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺋﺎﻣﺒﻮﻻﺗﻮﺭﯨﻴﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ 1400 ﻳﯜﻩﻧﮕﯩﭽﻪ ﺋﺎﺗﭽﻮﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻜﻰ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﺗﭽﻮﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﮪﻪﻕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ، ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﻰ ﺗﺎﻟﻮﻧﻰ، ﺭﯦﺘﺴﯩﭗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻻﺯﯨﻢ. 

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﯗﺵ ﮪﻪﻗﻘﻰ، ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﮪﻪﻗﻘﻰ، ﺑﺎﻟﻨﯧﺴﺘﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﯞﻩ ﺩﻭﺭﺍ ﮪﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺑﯘ ﮪﻪﻗﻠﻪﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻜﻰ، ﺑﯘ ﮪﻪﻗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﻣﻤﺎ ﭼﯧﻜﻰ ﺑﺎﺭ، ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺗﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻐﯘﭼﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. 

ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯗ؟ 

ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ، ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. 

ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺷﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ=ﻳﻪﯕﮕﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ-ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﮪﻪﻕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺵ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻧﻰ ÷30×ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﻛﯜﻥ ﺳﺎﻧﻰ

ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺳﻪﻙ: ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﯩﻴﺎﯞ xx ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ 128 ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺵ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ 8000 ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯩﻴﺎﯞ xxﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺵ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ 10000 ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺷﯩﻴﺎﯞ xx ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ: 8000÷30×128=34133 ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﻓﻮﻧﺪﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯩﻴﺎﯞ ××ﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ 2000÷30×128=8833 ﻳﯜﻩﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ 42666 ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 

ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯔ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﻗﺎﻳﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﭽﻮﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ؟ 

ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ «ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﻜﯩﻼ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﻪﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﻪﻣﺪﯗ؟ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. 

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﭽﻮﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺋﺎﺗﭽﻮﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮪﯧﭽﻨﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. 

ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﺍ، ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﻪﺭﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺗﯘﺗﺎﺵ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﭽﻰ-ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ، ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ 10 ﻛﯜﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ. 


ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺋﻪﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﭽﻮﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ؟

«ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ»ﻧﯩﯔ 54-ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯩﺸﭽﻰ-ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﯩﺸﭽﻰ-ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺕ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﻓﻮﻧﺪﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﮪﺎﻟﺪﺍ %50ﻟﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 

ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟

ﺑﯩﺮ  ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﻣﭽﯩﻠﻪﺭ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻥ ﺑﻪﯕﮕﯘﯕﺘﯩﯖﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4-ﻛﯜﻧﻰ «ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﭽﻰ-ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﺍ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ»ﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﻴﯔ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ، ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. 

ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﯩﻠﯩﻜﻰ، ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻨﻰ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. (ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﺗﭽﻮﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ)

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر