شىنجاڭلىقلار دۇنيا 2025-يىلى ئاران يېتىدىغان نىشانغا يەتتۇق

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03
ئەنگلىيە ئىمپېرىيە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى 186 دۆلەت ۋە رايوندا 1975-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇدا 40 يىل ئىشلىگەن تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دۇنيادىكى سېىمىزلەرنىڭ سانى ئورۇقلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن، 2014-يىلى دۇنيادا قۇرامىغا يەتكەنلەر ئىچىدە 641 مىليون سېمىز بار بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن ھەر 8 كىشىنىڭ 1 ى سېمىز ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرىچە، سېمىزلەرنىڭ سانى مۇشۇ سۈرئەت بىلەن ئاشسا، 2025-يىلىغا بارغاندا دۇنيادىكى ھەر 5 ئادەمنىڭ 1 ى سېمىزلىككە مۇپتىلا بولىدىكەن.

ئەمدى جۇڭگو بىلەن شىنجاڭدىكى ئەھۋالغا نەزەر سالساق:
2015-يىلى ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو سېمىزلىك كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو دۇنيادىكى سېمىزلەر ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، سېمىز ئەرلەرنىڭ سانى 43 مىليون 200 مىڭدىن، سېمىز ئاياللارنىڭ سانى 46 مىليون 400 مىڭدىن ئاشىدىكەن؛ شىنجاڭ، خېبىي، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق 3 ئۆلكە-ئاپتونوم رايون جۇڭگودىكى سېمىزلىك ئەڭ ئېغىر «ئاپەت رايونى» بولۇپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى %37.8 ئىكەن.

2009-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %35-%38 ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ نىسبەت ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، %40ﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﻩ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺵ، ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %35ﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىر دۇنيا بويىچە ھەر 8 ئادەمنىڭ 1 ى سېمىز بولسا، بىزنىڭ شىنجاڭدا ھەر 3-4 ئادەمنىڭ 1 ى سېمىز؛ تەتقىقاتچىلار مۆلچەرلىگەن 2025-يىلىغا بارغاندا ئاندىن ھەر 5 ئادەمنىڭ ئارىسىدا 1 كىشى سېمىز بولۇش نىشانىنى مۇددەتتىن 10 يىل بۇرۇن چەكتىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاپ بولۇپتىمىز... بۇ، ھەممەيلەننى چۈچىتىشى ۋە قاتتىق ئويغا سېلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە!
سېمىزلىك ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالىدىغان ئاساسلىق «قاتىل»لارنىڭ بىرى بولۇپ، تاماكا چېكىشتىن قالسىلا بالدۇر ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقاتلاردا، دېئابىت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى، قاندا ياغ كۆپىيىش كېسىلى، ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش قاتارلىق 14 خىل كېسەللىكنىڭ سېمىزلىك بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە...

ئېنىقكى، سېمىزلىك خۇددى ئاستا خاراكتېرلىك راكقا ئوخشاش، ئادەمنىڭ ئۆمۈرىنى قىسقارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى كۆپچىلىكنى بەدەن ئېغىرلىقىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، ساغلاملىققا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش مەقسىتىدە، «ئەلداۋا بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلىغۇچ» نى ئېلان قىلدى.
سىز پەقەت تۆۋەندىكى چىپار كودنى سىكاننېرلاپ، ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىپ، سالونغا 1 رەقىمىنى يوللىسىڭىزلا، ھېسابلىغۇچنى تاپشۇرۇۋالالايسىز ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرۇپلا، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىڭىزنى ئاپتوماتىك ھېسابلاپ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنىڭ ئۆلچەملىك ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر